غايىب ئاكا-ئۇكا، سابىق مەھبۇسلارنىڭ ئۇچۇرى يېپىق تەربىيىلەش مەركىزىدىن كەلدى

0:00 / 0:00

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى 3 ئاينىڭ ئالدىدا رادىئومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ تۇرپانيۈزى ئارامەھەللىسىدىكى 10 نەچچە سابىق مەھبۇسنىڭ ئۇشتۇمتۇت غايىب بولۇپ كەتكەنلىكى، بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە سىدىقجان بىلەن سابىرجان ئىسىملىك ئاكا-ئۇكا سابىق مەھبۇسلار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلۇقىنى بايان قىلغان. مۇخبىرىمىزنىڭ 3 ئاينىڭ ئالدىدىكى ئېنىقلاشلىرى جەريانىدا، ئۇلار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلىنالمىغان ئىدى.

بۇ قېتىم مۇخبىرىمىزنىڭ غۇلجا ناھىيىلىك يېپىق تەربىيىلەش مەركىزىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتى داۋامىدا، مەزكۇر ئاكا-ئۇكىدىن باشقا يەنە، ئارامەھەللىلىك ئەۋزەر، ئىسمەتۇللا ۋە ئۆمەرجان قاتارلىق غايىبلارنىڭمۇ مەزكۇر تەربىيىلەش مەركىزىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

بىز، ئاڭلىغۇچىمىزدىن غۇلجا ناھىيىسىنىڭ تۇرپانيۈزى يېزا ئارامەھەللىدىكى ئىلگىرى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىگە چېتىلىپ كېسىلگەن ۋە جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەن 10 نەچچە كىشىنىڭ مەھەللىدىن ئۇشتۇمتۇت غايىب بولۇپ كەتكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە سىدىقجان ۋە سابىرجان ئىسىملىك ئىككىسىنىڭ ئاكا-ئۇكا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن تۇرپانيۈزى ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغان ئىدۇق.

تۇرپانيۈزى ئارامەھەللىگە مەسئۇل ساقچى خادىمى، غايىبلارلا ئەمەس، ئارامەھەللە كەنت مەسئۇللىرىنىڭ ئالاقە ئۇچۇرلىرىنىمۇ ئاخباراتتىن يوشۇرغان ئىدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا ئارامەھەللىدە غايىب بولۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئالدى 10 نەچچە يىل، ئارقىسى بىر يىل جازا مۇددىتىنى ئۆتەپ بولغانلىقى يېزىلغان. ئىنكاستا يەنە، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ سابىق مەھبۇسلارنىڭ نەدىلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرى يوقلۇقى، ساقچى ئورۇنلىرىغا بېرىپ سۈرۈشتە قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. بىز ئۆتكەن ھەپتە بۇ ھەقتە قايتا ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى ئائىلە-تاۋابىئاتى ئەھۋالدىن يىغىۋېلىش مەركىزىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئوغلى ئارقىلىق خەۋەردار ئىكەنلىكىنى پاش قىلدى. ئارامەھەللە كەنت ئاياللار مۇدىرى غايىب ئاكا-ئۇكىلارنىڭ يىغىۋېلىش مەركىزىدە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغۇدەك ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ يوقلۇقىنى مەلۇم قىلدى. ئارا مەھەللە كەنت سېكرېتارى بولسا، مەھەللىسىدە 10 نەچچە سابىق مەھبۇسنىڭ غايىب بولۇپ كەتكىنىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ 10 نەچچە كىشىنى يىغىۋېلىش مەركىزىدە دەپ پەرەز قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇ، ساقچىلار ئۆزىنى بۇ ئىشقا ئارىلاشتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن ئەھۋالنى سۈرۈشتە قىلالمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

غۇلجا ناھىيىلىك يېپىق تەربىيىلەش مەركىزىگە قارىتا ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئوقۇتقۇچىلاردىن بىرى تەربىيەلىنىۋاتقانلارنىڭ سانى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئارامەھەللىدىن كەلگەنلەردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. يەنە بىر ئوقۇتقۇچى بولسا، ئاكا-ئۇكا سابىق مەھبۇسلاردىن سىدىقجاننىڭ 4-يېپىق تەربىيەلەش مەركىزىدە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. يەنە بىر ئوقۇتقۇچى بولسا تۇرپانيۈزى ئارامەھەللىدىن كەلگەن مەزكۇر ئاكا-ئۇكىلاردىن باشقا، ئىسمەتۇللا، ئۆمەرجان، ئەۋزەر قاتارلىق سابىق مەھبۇسلارغا ئۆزى ئىلگىرى دەرس بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدا تۇرپانيۈزىنىڭ ئارامەھەللىسىدىن غايىب بولۇپ كەتكەن سابىق ئاكا-ئۇكا مەھبۇسلار ۋە ئۇلارنىڭ دوستلىرىنىڭ ئۇچۇرىنىڭ غۇلجا ناھىيەلىك يېپىق تەربىيەلەش مەركىزىدىن تېپىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.