دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇر غايىبلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

30-ئاۋغۇست، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن مۇھىم خاتىرە كۈنلەردىن بىرى بولغان «خەلقئارا غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنى خاتىرىلەش» كۈنىدۇر. بۇ خاتىرە كۈنى ئىنسانلارنى دۇنيا يۈزىدىكى ھۆكۈمران كۈچلەر تەرىپىدىن زوراۋانلىق بىلەن تۇتۇپ كېتىلىپ غايىب قىلىۋېتىشتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە خاتىمە بېرىش، غايىبلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلالماي ئازاب ئوقۇبەتتە، تەھدىت ئاستىدا ياشاۋاتقان غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى خەلقئارالىق قانۇنلار ئارقىلىق قوغداش چاقىرىقى يۈزىسىدىن 2010-يىلى دېكابىر بېكىتىلگەن بولۇپ 2011-يىلىدىن بۇيان خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى ئاشكارىلانغانلار ئىچىدە 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئۇيغۇر غايىبلارنىڭ ئاشكارىلانغان سانى 30 دىن ئاشىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىلگەن ئۇيغۇر غايىبلارنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 29-ئاۋغۇست مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنى غايىبلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى بىلەن مۇخبىرىمىزنىڭ ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.