ئۈرۈمچى ساقچىلىرىنىڭ غايىب ئامانتاي جۈمەتاينىڭ دادىسىغا ئېيتقىنى: «بالاڭ ھاراقكەشتى، ئىزدىمە»

0:00 / 0:00

5-5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى چارىسىزلىقتىن دەرتلىرىنى ئىچىگە يۇتقان، يەنى ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتە قىلمىغان بولسا، ئاز بىر قىسىملىرى ئەرز ۋە ئاخباراتقا ئاشكارىلاش يولى بىلەن غايىبلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ كەلگەن؛ ئەمما يەنە بەزى كىشىلەر يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۈمىد ئۈزمىگەن ھالدا سۈكۈت ۋە سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب كۈتكەن. مانا بۇلاردىن بىرى، قازاق مىللىتىدىن بولغان غايىب ئامانتاينىڭ دادىسى جۈمەتاي بولۇپ، ئۇ شەھەر ئاتلاپ ئەرز قىلمىغان، ئەھۋالنى ئاخباراتقىمۇ كۆپ بىلدۈرمەي كەلگەن ئىدى. مۇخبىرىمىز، جۈمەتاي بىلەن ئارىدىن 2 يىل ئۆتكەندە قايتا كۆرۈشكىنىدە، ئوغلىنىڭ تېخىچە ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقىنى، سۈرۈشتە قىلىپ ساقچى ئورگانلىرىغا بارغىنىدا، ساقچىلار ئامانتاينىڭ بۇرۇن ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنى ئىزدىمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلغان.

بىز ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا غايىب ئائىلە-تاۋابىئاتلىردىن ئامانتاي جۈمەتاينىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلغان، ئۇ چاغدا ئامانتاينىڭ دادىسى جۈمەتاي، ھۆكۈمەتكە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ غايىب ئوغلى ھەققىدە كۆپ سۆزلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

-مەن يەرلىك ئۈرۈمچىلىك، ئاتا-ئانام ھۆكۈمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، دادام ھامزا ھۆكۈمەتكە كۆرسەتكەن خىزمىتى سەۋەبلىك، ماۋ زېمىنلار ياتقان ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا قويۇلغان. شۇڭا مەن ھۆكۈمەتكە ئىشىنىمەن، چوقۇم جاۋاب بېرىدۇ، ئادىل بىر تەرەپ قىلىدۇ دەپ قارايمەن ۋە سىزگە بۇ ھەقتە ئوشۇق گەپ قىلمايمەن....

بىز ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە، جۈمەتاي ئەپەندىنى قايتا زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتتىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى يوشۇرمىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ كۆپ مەزگىل جاۋاب كۈتۈپ ئولتۇرۇپ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ساقچى ئورگانلىرىغا ئىزدەپ بارغان. ساقچىلار دەسلەپتە، ئامانتاينىڭ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئېيتقان، جۈمەتاي بۇنىڭغا قايىل بولمىغاندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇنىڭغا ئامانتاينىڭ ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغانلىقىنى ئېسىگە سېلىپ، ئۇنىڭ ساقچىلارنىڭ قولىدا غايىب بولمىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئىزدەپ ئاۋارە بولماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىز تەييارلىغان پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.