بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 19-سېنتەبىر چاقىرىلغان ئومۇمىي يىغىندا غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە سېلىۋاتقان زۇلۇمىنى ئەيىبلىدى.
11-سېنتەبىر باشلانغان ب د ت نىڭ 36-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى 3 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا قاتناشماقتا ئىدى. 19-ۋە 20-سېنتەبىر كۈنلىرى ب د ت كېڭىشىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار يىغىن ھەم پائالىيەتلەر بولۇپ ئۆتكەن.
ب د ت يىغىن مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن 36-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 19-سېنتەبىردىكى مەخسۇس يىغىنىدا خىتاي قاتارلىق بىرقىسىم دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۆزدىن كۆچۈرۈلگەن. مەزكۇر يىغىنىدا ئامېرىكا، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، كانادا، چېخىيە، ئېستونىيە ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز ئېلىپ، خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا يولغا قويۇۋاتقان ھەربىي ھالەت تۈسىدىكى جىددىي ۋەزىيىتى، دىنىي بېسىم سىياسىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ھەمدە خىتايدا تۈرمىسىدە راك كېسەللىكى بىلەن ئۆلگەن نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونى مىسال كەلتۈرگەن. خىتاي ۋەكىللىرى قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرۈپ، «بەزى دۆلەتلەر ب د ت نى جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرۇۋالدى، بۇ، بىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق»، دېگەندەك شىكايەتلەردە بولغان.
د ئۇ ق خادىمى رايىن ئەپەندى يىغىندا 2 مىنۇتلۇق سۆز ھەققىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى قىسقىچە ئىزاھلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇقتىلىق ھالدا مىسىردا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۈگۈن، يەنى 20-سېنتەبىر كۈنى پاكىستان ئىشغالىيىتىدىكى بالۇچىستانلار، سىندلار ب د ت بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ نامايىشقا قاتنىشىپ، نۇتۇق سۆزلىگەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ب د ت مۇھاجىرلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ئاڭلاتقان ھەمدە ب د ت دىن جىددىي ياردەم تەلەپ قىلغان.