3 - يانۋار بېيجىڭ ئايرودرومىغا كىرىپ كېتىۋاتقان چېغىدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان پېتىر داھلىن 26 - يانۋار ئەتىگەندە شىۋېتسىيەگە قايتۇرۇپ كېلىندى.
بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان مۇلاھىزىچىلەر، خىتاينىڭ بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى قويۇپ بېرىشى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ياخشىلىنىش بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقى، بۇنى كۈن سايىن يامانلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇڭ لېي ئەينى چاغدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋابەن، پېتېر داھلىننىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈش گۇمانى» بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.
مەلۇمكى، شىۋېتسىيە پۇقراسى بولغان پېتېر داھلىن 2009 - يىلىدىن بۇيان «خىتايدا جىددىي ھەرىكەت خىزمەت گۇرۇپپىسى» دا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىدى. مەتبۇئاتلارنىڭ قارىشى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ «خىتاي يولغا قويۇۋاتقان ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە زەربە بېرىش» دولقۇنىدا قولغا ئېلىنغان تۇنجى چەتئەللىك كىشى. ئۇنىڭ خىتاي تېلېۋىزورلىرىدا جىنايىتىگە ئىقرار ھەم پۇشايمان قىلدۇرۇلۇشى، غەرب ئەللىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.
گېرمانىيەدىكى «خىتاي دېموكراتىك فېدىراسسىيونى» نىڭ رەئىسى فېي لياڭيۇڭ پېتېر داھلىننىڭ قويۇپ بېرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ: «پېتېرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئىجابىي بىر ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئەمەس. خىتاي تۈرمىلىرىدە يەنە قانچە مىڭلىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئادۋوكاتلار قامىلىپ ياتماقتا. ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى شۇلارنىڭ بىرى. ئىلھام توختى شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭغا ئارتىلغان ‹دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش› جىنايىتى پۈتۈنلەي تۆھمەت. ئىلھام توختى سۆز، پىكىر ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت ھەركىمدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھەق - ھوقۇقىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كومپارتىيەنىڭ سىياسىي خاتالىقلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بىر زىيالىي ئىدى. ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىشى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى» دېدى.
باش شتابى گېرمانىيەدە بولغان «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېليۇس ئەپەندىمۇ ئوخشاش قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ھالا شەرقىي تۈركىستاندا ھېلىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال - بۇرۇت قويۇش، رومال ئارتىش، روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇشتەك ئىنسانىي ھەقلىرىنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىشى داۋاملاشماقتا.»
ئۇ سۆزىدە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسېرى يامانلىشىش تەرىپىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىلىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئۆزگىرىشىدىن ئۈمىد كۈتۈشكە ئاساس بولىدىغان ئامىلنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
گېرمانىيەدىكى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى» خادىمى مانيان بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا: «خىتاي كومپارتىيىسى بىر كۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن، بىر كۈن كىشىلىك ھوقۇق مەۋجۇت بولمايدۇ» دېدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە شۇلارنى تىلغا ئالدى: «شى جىنپىڭ دەۋرىدە ھەر تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقى مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. بىراق مەسىلىنىڭ قىزىق يېرى، شى جىنپىڭ ھازىر كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرى بىلەن جەڭ قىلماقتا. ئۇ قولغا ئالغان بو شىلەي، جۇ يۇڭكاڭ، شى سەيخۇ دېگەنلەر، ئەسلىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلارنى ئەڭ قاتتىق دەپسەندە قىلغان چىرىك ئەمەلدار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر، موڭغۇللار ۋە فالۇنگوڭچىلارغا سالغان زۇلۇمى ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى ئېچىنارلىق.»
مانيان يەنە شۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ ‹سەن ئۆل، مەن ياشاي› دەيدىغان چوڭ بىر جەڭگە ئاتلاندى. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى جاڭ زېمىن، زېڭ چىڭخۇڭ ۋە ئۇلارنىڭ تەرەپدارلىرى. خىتاي تارىخىدا ھېچبىر ئەمەلدار چېرىكلىككە قارشى شى جىنپىڭ كەبى جەڭ قىلىشقا پېتىنالىغان ئەمەس. ئەمما خىتايدا يولغا قويۇلۇۋاتقان چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلماقتا. مەسىلىنىڭ تۈپ نېگىزى بولسا ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىدا. قۇرۇلما ئۆزگەرمەيدىكەن، خىتاينىڭ تەختىگە كىم چىقسا چىقسۇن، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ. خىتاي كومپارتىيىسى مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تۈگىمەيدۇ. پەقەت كومپارتىيە يوقالغاندىلا، ھەم خىتاي خەلقى ھەم ئۇيغۇرلار كەبى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى ياخشىلىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، پېتېر داھلىننىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئۆزگىرىشىنىڭ ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، يېقىن كەلگۈسىدە خىتايدا ۋە ئۇيغۇر ئىلىدا ئىجابىي بىر ۋەزىيەتنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
0:00 / 0:00