خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن غۇلجا ياشلىرىنىڭ نامايىشىنى باھانە قىلىپ، غۇلجىدىكى بەزى يەرلەردە ئائىلە بويىچە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ۋەقە يۈز بېرىپ 70 نەچچە كۈن ئۆتكەندە قىرغىن قىلىنغان مۆمىنجان ئاكا ئائىلىسى ھېلىمۇ شاھىتلارنىڭ خاتىرىسىدە.
نورۋېگىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى سەيىد ئەكرەم ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مۆمىنجان ئاكا غۇلجا ناھىيە ئۈچئون يېزا توخۇچىيۈز كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق بالىجانلىق كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرمۇھەممەت، ئابدۇرازاق، مۇتەللىپ، مۇسەللىم ئىسىملىك ئوغۇللىرى ۋە بىر قىزى بولغان. چوڭ ئوغلى نۇرمۇھەممەت دىنىي تەلىم ئېلىپ مەھەللىدە ئۆلىما بولۇپ تونۇلغان ۋە كېيىنچە قاماققا ئېلىنغان. مۆمىنجان ئاكىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئابدۇرازاقمۇ قۇرئان ساۋاتلىق بولۇپ غۇلجىدىكى ئابلەت قارىھاجىمدا ئوقۇغان. «5-فېۋرال ۋەقەسى» دە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن ئۇمۇ پات-پات ساقچىلارنىڭ ئاۋارىچىلىكىگە يولۇققان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما دائىم نازارەت قىلىنىپ تۇرغان ئىكەن.
ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر شاھىتنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 1997-يىلى قۇربان ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى ئىلى ئوبلاستلىق ج خ باشقارمىسىنىڭ ساقچىلىرى يەنە ئابدۇرازاقنى تۇتۇپ سوراق قىلماقچى بولۇپ، ئىزدەپ كەلگەن.
يىلدا بىر كېلىدىغان ھېيت ھارپىسىدا يەنە پەيدا بولغان بۇ چاقىرىلمىغان مېھمانلار مۆمىنجان ئاكىنى بىئارام قىلغان. سەمىمىي زاكۇن ۋە چىرايلىق گەپلەر كار قىلمىغاچ مۆمىنجان ئاكا غەزەپلىنىپ، قارشىلىق كۆرسەتكەن. نەتىجىدە ساقچىلار نەق مەيداندا ئوق چىقارغان. دادىسى شېھىت بولغان ئوغۇللارنىڭ ئۆگزىگە چىقىپ تەكبىر ئېيتىشىدىن قورقۇپ كەتكەن ساقچىلار تېخىمۇ غالجىرلىشىپ قالايمىقان ئوق ياغدۇرغان. بۇ قىرغىندا مۆمىنجان ئاكا، ئابدۇرازاق، مۇتەللىپ، مۇسەللىم قاتارلىق ئوغۇللار بولۇپ بىر ئائىلىدىن ئالتە كىشى ۋە بۇ ئائىلىنىڭ يان قوشنىسى قوشۇلۇپ يەتتە جان ھاياتىدىن ئايرىلغان.
تۈركىيەدە ياشايدىغان يەنە بىر شاھىتنىڭ مۆمىنجان ئاكا ئائىلىسىنىڭ چوڭ قىزى ۋە نەۋرىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ سۆزلىشىچە، مۆمىنجان ئاكىنىڭ ئايالى، چوڭ قىزى قىرغىنچىلىقتىن ھايات قالغان. نۇرمۇھەممەتنىڭ 17 ياشلىق ئوغلى سامانلىققا مۆكۈنۈۋېلىپ قېچىپ كەتكەن. پاجىئەدىن كېيىن ئانا ۋە قىز تۈرمىگە ئېلىنغان. ئانا ئاجىزلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىدىن چىقىپ ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ئائىلىنىڭ چوڭ قىزى ھايات بولسىمۇ دائىم تۇتقۇنغا ئۇچراپ تۇرغان. چوڭ ئوغۇل نۇرمۇھەممەتمۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن قايتا-قايتا قاماققا ئېلىنغان.
1997-يىلى قۇربان ھېيت ھارپىسىدىكى بۇ قىرغىنچىلىقتا شېھىت بولغان يەتتە ئۇيغۇرنىڭ جىنازا نامىزى ھېيت كۈنى نازارەت ئىچىدە قىسقىلا ئوقۇلۇپ، دەنە قىلىۋېتىلگەن. بۇ مەھەللىنى ساقچىلار ۋە ئەسكەرلەر كېچە كۈندۈز قورشاۋغا ئېلىپ، ئايلارچە نازارەت قىلىپ تۇرغان. بۇ ئائىلىدىن ئامان قالغان نەۋرە ھازىر چەتئەللەردە قىساس ئۈچۈن ياشاپ كېلىۋاتماقتا ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ياشلىرى ئابدۇخېلىل ئابدۇمېجىتنىڭ رەھبەرلىكىدە مەشرەپ ۋە پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ چەكلىنىشى، بالىلار ۋە قىز-ئاياللارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئېلىپ كېتىلىشى، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ قۇيۇۋېتىلىشى، ھاكىمىيەتنىڭ بۇنىڭغا قارشى چىققانلارنى قالايمىقان تۇتقۇن قىلىشى قاتارلىق ئادالەتسىزلىكلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۇيۇشتۇرغان. نامايىش قانلىق باستۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىنىش بىلەن ئاقىۋەتلەنگەن.
نامايىشتىن 21 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بۇ ھەقتىكى بەزى تەپسىلاتلار ھايات شاھىتلارنىڭ ۋە قاچاق يوللار بىلەن چەتئەللەرگە چىققان سابىق تۇتقۇنلارنىڭ بايانلىرى بىلەن تېخىمۇ روشەنلەشمەكتە. كېيىنكى ئاڭلىتىشلىرىمىزدا« 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەر ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.
0:00 / 0:00