خىتاي دائىرىلىرى غۇلجىدا ئېچىلغان 55 ئۇيغۇر ئۈستىدىكى سوتنىڭ ئاتالمىش «3 خىل كۈچلەر گە زەربە بېرىش ئىرادىسىنى ئىپادىلەيدىغان» لىقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق بەزى خىتاي زىيالىيلىرى بۇ سوتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ، ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
28-ئاپرېل، غۇلجا تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوچۇق سوتتا، ئابلىمىت ئابدۇللا قاتارلىق 3 كىشى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىپ، ئابدۇغېنى ياسىن قاتارلىق 38 كىشى قولغا ئېلىش، ئارمان ئالىم قاتارلىق 27 كىشى جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇشقا بۇيرۇلغان. مەھكۇملارنىڭ ئاساسەن ھەممىسى تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي رادىكاللىق بىلەن ئەيىبلەنگەن.
غۇلجادىكى مەزكۇر ئوچۇق سوتنىڭ 1962-يىلى يۈز بەرگەن غۇلجا «29-ماي ۋەقەسى» نىڭ 52 يىللىق خاتىرە كۈنى ھارپىسىدا ئېچىلىشى دىققەت قوزغىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 1962-يىلى 29-ماي كۈنى قوراللىق كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىنى قانلىق باستۇرغان. بۇ ۋەقە شىمالىي ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك ئاھالىنىڭ زور كۆلەملىك سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
بىز ئوچۇق سوت ئەھۋالى ۋە مەھكۇملارنىڭ سالاھىيىتى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن غۇلجادىكى بەزى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق. بىز تېلېفون قىلغان مۇتلەق كۆپ ئورۇن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق تېلېفونىمىزنى ئالغان مەلۇم ئورۇننىڭ بىر ئامانلىق خادىمى، بۇنداق جازالاشقا ئۆزىنىڭ تازا قېتىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئامانلىق خادىمى: بىزنىڭ تەۋەيىمىزدىن سوتلانغانلار يوق.
سوئال: قايسى تەۋەنىڭ بالىلىرى بۇلار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى غۇلجىلىق بالىلارمۇ ياكى جەنۇبتىن، ئۇياق-بۇياقتىن كەلگەنلەرمۇ بارمۇ؟
ئامانلىق خادىمى: ئۇنى بىلمىدىم. مەنغۇ بارمىدىم، بىراق بىزنىڭ تەۋەدىن يوق دەيدىغۇ، بۇ يەردىكى ساقچىلار. بىزنىڭ تەۋەدە ئۇنداق ئادەم يوق ئىكەن.
سوئال 22:-ماي ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن، سىلەرنىڭ باشقۇرۇش دائىرەڭلاردىكى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلار بارمۇ؟
ئامانلىق خادىمى: ياق! ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەدىن تۇتۇلغانلار بۇ يەردە يوق.
سوئال: مەسىلەن، دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى ياكى بىخەتەرلىك ئىدارىسى تۇتقان ئىشلارنى دەيمەن؟
ئامانلىق خادىمى: ھە، دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىدىكىلەر ئۆزىنىڭ تەۋەسىدە تۇتقانلار بار. لېكىن ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەگە چېتىشلىق ئادەملەر يوق. دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى بىزنىڭ تەۋەدىن تۇتقۇن ئادەملەر باردۇر، بەلكىم.
سوئال: سىزنىڭچە قانچىلىك ئادەم دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغاندۇ، سىلەرنىڭ رايوننىڭ ئۆزىدە؟
ئامانلىق خادىمى: بىزنىڭ رايوندىن، ئەمدى ئۇنى بىزنىڭ سىياسىي يېتەكچى بىلىدۇ، مەن تازا بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن.
سوئال: تۈنۈگۈنكى ئوچۇق سوتنى تەنقىد قىلىۋاتىدۇ، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا بولاتتى بۇنداق ئىشلار دەپ. قانۇنى تەرتىپسىز، ئادۋوكات يوق، ئۆزىنى ئاقلاش يوق، ھېچنېمە يوق 55 ئادەمنى يىغىپ كېلىپ، بۇنداق ئوچۇق سوت قىلىش، جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇن، جىنايى ئىشلار قانۇنلىرىنىڭ تەرتىپلىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ، دەپ تەنقىد قىلىۋاتىدۇ. سىزنىڭچە بولغاندا بىرەر ئاساسى بارمۇ بۇ تەنقىدنىڭ؟
ئامانلىق خادىمى: بۇنى دەپ كەلسەك، مەنمۇ تازا ئەمدى....... گەپ جىق بۇنى دەپ كەلسەك. نېمە دېسەك بولار، مەنمۇ تازا ئۇقۇپ كەتمەيمەن. ئەمدى، بىز مۇشۇ يەردە بولغاندىن كېيىن، چوقۇم مۇشۇ جۇڭگونىڭ قانۇنلىرىغا بوي سۇنمىساق بولمايدۇ. بىزمۇ مۇشۇ قانۇن ئورنىدا ئىشلىگەندىن كېيىن. ئەمدى يۇقىرىدىكى باشلىقلار نېمە دېسە، شۇ- دە ئەمدى.
غۇلجادىكى ئوچۇق سوت، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدىكى ئاممىۋى كۈرەش قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتامدۇ، دېگەن ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلدى. خىتاي كومپارتىيەسى 10 يىللىق «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدە، ئەيىبلەنگۈچىگە ھېچقانداق ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلمەيدىغان ئاممىۋى سوت شەكلىنى قوللىنىپ، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرغان ئىدى.
غۇلجادىكى ئوچۇق سوتتا، تەپتىش، سوت ئورگانلىرىنىڭ بىر چەتكە قايرىپ قويۇلۇپ، ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم سىياسىي قانۇنىكومىتېتى سېكرېتارى ئىلى مىڭخۇينىڭ نۇتۇق سۆزلىشى دىققەت قوزغىدى. ئىلى مىڭخۇي نۇتقىدا، ھەر بىر ئادەم قاتناشقان «3 خىل كۈچلەر» گە قارشى خەلق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشنى تەكىتلىگەن.
تەنقىدچىلەر بولسا، سوتنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇپ، مىللىي زىددىيەتنى داۋاملىق ئۆتكۈرلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىقتىسادشۇناس، ئۆكتىچى زىيالىي خې چىڭليەن خانىم، خىتاي دانىلىرىنى ئوچۇق سوت ئېچىپ ئادەم جازالاشتەك بۇ خىل «غەيرىي مەدەنىي» ئۇسۇلغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ماۋزېدوڭ دەۋرىدە، ئۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى دەپ، خەنزۇلار رايونىدا يول قويۇلغان بەزى چارە-تەدبىرلەرنى ئۇيغۇر ئىلىدا يولغا قويمىغان. ۋاڭ جىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى رادىكال سولچى قىلمىشلىرى سەۋەبلىك پارتىيە ئىچىدە تەنقىدكە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. بىراق ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا دائىرىلەر ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خاسلىقىنى ئويلاشمايدۇ. ئۇلار بۇرۇنقى تەدبىرلەرنى بىمالال يولغا قويىدىغان بولدى. لېكىن بۇ تەدبىرلەر ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن كومپارتىيەنىڭ زىددىيىتىنى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ. كومپارتىيە ئادەمنىڭ غۇرۇرىغا ئازار بېرىدىغان بۇ خىل «غەيرىي مەدەنىي» ئۇسۇلنى تامامەن بىكار قىلىشى، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا بىكار قىلىشى كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن تەڭ خەنزۇلار رايونىدا بىكار قىلىشى لازىم. بۇ ئارقىلىق جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۆزىنىڭ «غەيرىي مەدەنىي» ياۋايى جەمئىيەتكە قايتىۋاتقانلىقىنى ئەمەس، «مەدەنىي جەمئىيەت» كە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشى كېرەك.
بىراق، خې چىڭليەن خانىمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھېچكىمگە پايدىلىق ئەمەس. ئۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر مۇۋاپىق چارىسىنى تېپىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
خې چىڭليەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مەسىلىسى بۇ ئەھۋالغا كېلىپ قېلىشتا مەلۇم باسقۇچنى بېسىپ ئۆتتى. بىراق بۇ يولدا جۇڭگو كومپارتىيەسى، خەنزۇ خەلقى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھېچقانداق چىقىش يولى يوق. ھەممە تەرەپ بۇنىڭدا زىيان تارتقۇچى. شۇڭا، مۇمكىنچىلىك بولسا، شىنجاڭ تەرەپ ئۆزىنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم. بىراق بۇ تەلەپلەر بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى، ئىككىنچىدىن، بۇ تەلەپلەرنى كومپارتىيە قوبۇل قىلالايدىغان بولۇشى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۈمىدىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك. چۈنكى، يېقىندا يۈز بەرگەن ئىككى ۋەقە، يەنى كۈنمىڭ ۋەقەسى ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسى «تېررورلۇق» دەپ تەنقىدكە ئۇچرىدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھېسداشلىقى بۇ ۋەقە بىلەن بىر ئاز تەسىرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر شۇنى بىلىدۇ، بۇ ۋەقەلەر ھېچقانداق ئامالى قالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر خىل رادىكال قارشىلىق ھەرىكىتى. شۇڭا، مەن مۇمكىنچىلىكى بولسا، بىر خىل چىقىش يولىنى تېپىش كېرەك، دەپ ئويلايمەن. ئەگەر چىقىش يولى تېپىلمىسا، چىقىش يولى يوق رادىكال قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ساقلىنىش لازىم. چۈنكى، زوراۋانلىق قارشى زوراۋانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە، بۇ مەسىلە بىر خىل تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ. لېكىن بۇنداق ئەھۋال بۇرۇن دۇنيادا يۈز بېرىپ باقمىغان ئەمەس. مەسىلەن، كوسوۋو مەسىلىسى. شۇڭا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەڭ ياخشىسى ئۇيغۇرغا بۇنداق قىلماسلىقى كېرەك.
28-ماي غۇلجا ئۆتكۈزۈلگەن ئوچۇق سوت، خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇققا» قارشى ئومۇمى يۈزلۈك باستۇرۇش ھەرىكىتى باشلىغان بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى ئوچۇق سوت ئەمەس.
دائىرىلەر ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىيدا ئوچۇق سوت ئېچىپ، 39 نەپەر ئۇيغۇرنى جازالىغان. ئۇلار ئوخشاشلا تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، دىنىي رادىكاللىق بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى«تېررورلۇققا» قارشى ئومۇمى يۈزلۈك باستۇرۇش ھەرىكىتى 22-ماي ئۈرۈمچى شىمالىي باغچە يولىدىكى «ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» نى باھانە قىلىپ قوزغىدى. دائىرىلەر 43 ئادەم ئۆلگەن، 90 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان ھۇجۇمنى چەتئەلدىكى رادىكال دىنىي كۈچلەرگە باغلىغان. بىراق، خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ۋەقەنىڭ چەتئەلدىكى رادىكال دىنىي كۈچلەر بىلەن ئالاقىسى بارلىقى گۇمانلىق، دەپ قاراشقان ئىدى.