ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدىكى بىلدۈرگۈسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 4-فېۋرال كۈنى ياپونىيەنىڭ توكيو، ئوساكا، فۇكۇئوكا، ناگاساكى ۋە ئوكىناۋا قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى غۇلجىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ، تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بارغان نامايىشىنىڭ خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ ھەقتە توختالدى.
ئوكىناۋادا ئېلىپ بېرىلىدىغان خىتايغا قارشى نامايىش ھەققىدە توختالغان ئوكىناۋادىكى ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى تانو مارىكو خانىم بۇ قېتىم نامايىش ھەققىدە توختىلىپ: «ئوكىناۋادا ئىلگىرى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە يەكەن ۋەقەسى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇشلارنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن نامايىش ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. بۇ قېتىم 5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئېلىپ بېرىشنى تەشكىللىدۇق. مەقسىتىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈش، 5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئەسلەش ۋە ئۇلارغا ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت» دېدى.
ياپونىيەنىڭ كيۇشۇ ئۆلكىسى فۇكۇئوكا شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىش ھەققىدە توختالغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى كيۇشۇ شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ئىمامۇرا نوھ ئىبراھىم بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشقا ئۆزلىرىنىڭ جىددىي تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن فۇكۇئوكا شەھىرىدە تۇنجى قېتىم نامايىش ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتىمىز. نامايىشىمىز فۇكۇئوكادىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان تۇنجى خىتايغا قارشى نامايىشىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن، نامايىشنى كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، شەھىرىمىزدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرىنى جۈملىدىن تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى قوللىغۇچى دوستلارنى نامايىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە نامايىش ئۆتكۈزمەكچى. ئىشىنىمەنكى، تۇنجى قېتىملىق خىتايغا قارشى نامايىشىمىز غەلىبىلىك بولىدۇ» دېدى.
توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان تاكاشى ساتو نامايىش خىزمەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ: «ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بۇ يىل تۇنجى قېتىم ياپونىيەنىڭ توكيو، ئوساكا، فۇكۇئوكا، ناگاساكى ۋە ئوكىناۋادىن ئىبارەت بەش چوڭ شەھىرىدە 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئېلىپ بېرىلماقچى. ئىلگىرى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن پەقەتلا توكيودىلا نامايىش ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. بىراق، يېقىندىن بۇيان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ھەر قايسى شەھەرلەردە كۆپلەپ ئۆزلىرىنىڭ شۆبىلىرىنى تەسىس قىلدى. شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىنكى بۇ خىلدىكى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرنى خاتىرىلەش نامايىشلىرىنى ياپونىيەنىڭ بىر قانچىلىغان چوڭ شەھەرلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىدۇق. مەقسىتىمىز، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ياپونىيەدە كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرۈش» دېدى.
ئاخىرىدا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ياپونىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارغا 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراجىئەت قىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشلار شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00