مۇراسىم ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. مۇراسىمغا جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرىدىن مۆمىنجان رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. يىغىندا جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۆز قىلىپ، 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە باستۇرۇلۇش جەريانى ھەم بۇ ۋەقەدىن ئېلىنىدىغان ساۋاقلار مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى. يىغىندا يەنە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان جامائەت ئەربابى ئابدۇلئەزىز ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاي زۇلۇمى ۋە بۇ زۇلۇمغا قارشى پىداكارلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن شۇنداقلا زۇلۇمغا قارشى ئىسسىق قېنىدىن ۋە جېنىدىن كېچىپ مەيدانغا چىققان غۇلجا ياشلىرىنى ياد ئېتىدىغانلىقىنى ۋە ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئاخىرىدا يىغىن ئەھلى بىردەك، غۇلجا ۋەقەسىدە شېھىت بولغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ ۋە تۈرمىدە يېتىۋاتقان قېرىنداشلارغا سەۋر-تاقەت ھەم سالامەتلىك شۇنداقلا ئازادلىق تىلەپ دۇئا قىلدى.
غۇلجا ۋەقەسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق زور ۋەقە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولغان ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى» ناملىق كىتابتا غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىچكى-تاشقى تەسىرى توغرىسىدا مۇنداق يېزىلغان: غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولدى، ۋەتەن ئىچىدە بۇ ۋەقە ئۇيغۇر خەلقىنى يەنە بىر قېتىم ئويغاتتى، دۈشمەنگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئويغاتتى.
چەتئەللەردە بولسا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شۇ ۋەقەدىن كېيىنلا 92 بەتلىك خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
خەلقئارادىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ب د ت بەلگىلەپ بەرگەن رامكا ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە شوئارى ئاستىدا جانلىنىپ ھەر خىل يېڭى تەشكىلاتلار بارلىققا كەلدى ۋە غەرب دۆلەتلىرىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پائالىيەتلىرى داۋام قىلدى.