غۇلجا ياشلىرىنىڭ چۇقانلىرى ۋاشىنگتوندا يەنە ياڭرىدى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ نارازىلىق نامايىشى قىلدى.

0:00 / 0:00

بۈگۈن 1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 16-يىللىق خاتىرە كۈنى. گەرچە ئەينى چاغدا جەسۇر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مىللىي غۇرۇرى ھەم ئىنسانىي ھەق ‏-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى قانلىق باستۇرۇلغان بولسىمۇ، خىتايغا قارشى غۇلجا ياشلىرىنىڭ بۇ ياڭراق چۇقانى ھېلى ھەم بېسىلغىنى يوق. بۇ چۇقان پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر يىلى ئوخشاش بىر كۈندە ياڭراپ كەلدى. بۇ ئۇدۇم بىلەن 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 16 يىللىقى پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تۈرلۈك يوسۇندا خاتىرىلەنمەكتە.

5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 16 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللىغۇچىلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى. 2013-يىلى 5-فېۋرال.
5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 16 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللىغۇچىلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى. 2013-يىلى 5-فېۋرال. (RFA)

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوننى مەركەز قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللىغۇچىلار بىرلىكتە، ھەر يىلى مۇشۇ كۈندىكىدەك يەنە خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجا ۋەقەسىدە ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك بېسىم سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئېلىپ باردى.