بۈگۈن پايتەخت ۋاشىنگتونغا جايلاشقان خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا يەنە كۆك بايراقلار لەپىلدىدى. خىتايغا قارشى كۈچلۈك تەنقىدلەر ياغدى. ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىپ، بۇنىڭدىن 18 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ، غۇلجىدا تىنچ يولدا نامايىش ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ۋە داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئادالەتسىز سىياسەت ۋە ھەر قانداق باستۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 18-يىللىقىنى خاتىرىلەپ ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر نامايىشنى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى بىلەن خەلقئارالىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.
پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.