شىۋېتسىيەدە 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 18 يىللىقىنى خاتىرىلەپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 18 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىتوكھولمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن7-فېۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا شىۋېتسىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

نامايىشقا «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا ئەھەد رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ باشلىنىش سۆزىدە «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئارقىدىن سۆزگە چىققان «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىجات تۇرغۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقلىرىنى ئەيىبلەپ يازغان شۋېدچە باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن نامايىشچىلارنى رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن مەخسۇس بەلگىلەنگەن بىر خىتاي، ئەلچىخانىسىنىڭ تېمىنىڭ ئارقىسىدا ۋە دەرەخ تۈۋىلىرىدە تۇرۇپ، نامايىش تۈگىگەنگە قەدەر، نامايىشچىلارنى يوشۇرۇن رەسىمگە تارتتى.

نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى، قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ۋە لوزۇنكا-پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، «تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتى»، «خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچى»، «شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت»، «شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاش ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلىدى.

نامايىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىجات تۇرغۇن بۇ نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شىۋېتسىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 دە باشلىنىپ 15:00 دە ئاخىرلاشقان نامايىش تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى مەسئۇلى ئۆمەر مەخسۇمنىڭ قىلغان دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتى.