شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرىستان مەشرىپىدىكى ياشلار 7-فېۋرال كۈنى سىتوكھولمدىكى تېنىستا رايونىنىڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ پائالىيەت زالىدا 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 18 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن، شېھىتلارنى ئەسلەش، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى.
پائالىيەت، غۇلجا شېھىتلىرىگە ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەتى بىلەن باشلاندى. قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىدىن كېيىن پائالىيەت رىياسەتچىسى مەزكۇر پائالىيەت ۋە غۇلجا شېھىتلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى، يۇرت ئاقساقاللىرىدىن فەرۇخ سادىق سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. فەرۇخ سادىق غۇلجا قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدە شىۋېتسىيەدە خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىش ۋە ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەمدە شىۋېتىسيەدىكى ئۇيغۇرلارنى بىرلىك، ئىتتىپاقلىققا دەۋەت قىلدى.
پائالىيەت داۋامىدا تەكلىپ بىلەن سۆزگە چىققان «تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ مەسئۇلى ئۆمەر مەخسۇم غۇلجا شېھىتلىرىنى ئەسلەش بىلەن بىرگە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى ھەمدە سۆزىنى دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.
شىۋېتسىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 17 دە باشلىنىپ 20:00 گىچە داۋام قىغان بۇ پائالىيەتكە سىتوكھولم تەۋەلكىدىكى ئۇيغۇرلاردىن 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
