ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدا «5-فېۋرال ۋەقەسى» دەپ ئاتالغان، 1997-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە تىنچ نامايىشىغا چىققان ئۇيغۇر ياشلىرىغا قارىتا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قانلىق قىرغىنچىلىقنىڭ 18 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان كۈنلەردە، قازاقىستاندىكى تونۇلغان سىياسەتشۇناس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غۇجامبەردى بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەر ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
قەھرىمان غۇجامبەردىنىڭ قارىشىچە، 5-فېۋرال ۋەقەسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزگەن مۇستەملىكە سىياسىتى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن. ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلار مەلۇم بىر ساھەدىلا يۈز بېرىپ قالماستىن، بۈگۈنكى كۈندە سىياسىي، ئىقتىسادى، دىنىي، مەدىنى قاتارلىق بارلىق ساھەلەر بويىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدىكەن، بۇنداق توقۇنۇشلار ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايدۇ.
دىققىتىڭلار، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ قەھرىمان غۇجامبەردى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە بولغاي.