ئۆتكەن ھەپتە ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 17 يىللىقى خاتىرىلەندى ۋە شېھىتلارغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەتلەر قىلىندى.
پائالىيەت ئادىلايدتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئالىمى، ئىمام ئابدۇسالام ئالىم ئەپەندىنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى بىلەن باشلاندى.
2 سائەت داۋاملاشقان بۇ يىغىلىشتا شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغوپۇر مۆمىن ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خىتاي زۇلۇملىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى» دېگەن تېمىدا، مۇئاۋىن رەئىس دىلزات دىميان ئەپەندى خىتاي تەرىپىدىن تۇتۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ھەققىدە تەييارلاپ كەلگەن دوكلاتىنى، شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى «5-فېۋرالدىن ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە ئۇيغۇرلۇق مەسئۇلىيىتى» تېمىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ۋە ۋەقە شاھىتلىرى سۆزگە چىقىپ ۋەقەنىڭ ئەھمىيىتى، تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى ھەم غۇلجا ۋەقەسىنىڭ، شېھىتلارنىڭ ئۇنتۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەر قىلىشتى.
پائالىيەتتىن كىيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى ئەپەندىم بۇ ھەقتە توختالدى.
بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى كۆپچىلىكنىڭ شېھىتلارغا شۇنداقلا خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا قىينىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىغا دۇئا قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.