نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلىدى

0:00 / 0:00

5-فېۋرال نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئوسلودىكى ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىگە جەم بولۇپ «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى»نىڭ 19 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن.

مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئوسلودا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەشكىللىگەن بولۇپ، 5-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە باشلانغان پائالىيەت كەچ سائەت يەتتىگە قەدەر داۋاملاشقان.

خاتىرىلەش پائالىيىتى ئالدى بىلەن قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن بىلەن باشلانغان بولۇپ، پائالىيەتكە نورۋېگىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار قىزغىنلىق بىلەن ئىشتىراك قىلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى نېغمەت تۇرسۇن ھاجىم بۇ ھەقتە توختالدى.

ئۇ سۆزىدە، بۈگۈنكى«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى»نى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە كۆپچىلىك بىردەك زور قىزىقىش بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان بەزى بىر ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى نېغمەت تۇرسۇن ھاجىم بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر جامائىتى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.

بۈگۈنكى پائالىيەتكە قەدەم تەشرىپ قىلغان ئوسلودىكى ئۇيغۇر مەسچىتى مۆتىۋەرلىرىدىن، دىنىي زات ئۆمەر ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى باشقىچە تەشۋىقات ئۇسۇللىرى ئارقىلىق نورۋېگىيە جەمئىيىتىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن، بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە توختالغان فەرۇق سۆزىدە ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى پائالىيەتتىن تولىمۇ زور تەسىراتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.