2010 - يىلى 5 - ئايدا ئېچىلغان «شىنجياڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن، خىتاينىڭ 19 ئۆلكە، شەھىرىدىكى خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكىلىپ، تېخىمۇ نۇرغۇن خىتاي كۆچمەنلىرى يەرلىشىشكە باشلىدى.
خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلىرىدە «ھالقىما تەرەققىيات رايونى قۇرۇش» نامىدا، رايوندىكى يەر - ئاستى يەر ئۈستى تەبىئىي بايلىقلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يەر - زېمىنلىرىنى ئىگىلەش قەدىمىنى تېزلەتتى. غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان «باغچىلاشقان سانائەت رايونى»، ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا ياشاپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى، تېرىلغۇ يەر، ئۆي - زېمىنلىرىدىن ئايرىۋەتتى.
يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئىلى دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان غۇلجا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ناھىيە، يېزىلاردا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن شىركەت - كارخانىلار ۋە خىتاي ئۆي مۈلك سودىگەرلىرىنىڭ «ھالقىما تەرەققىيات رايونى» قۇرۇش نامىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ يەر - زېمىن، ئۆي - جايلىرىنى ئىگىلىۋېلىش دولقۇنى ئەۋج ئالدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇنى پەدازلاپ،«يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئىلى رايونىدا باغچىلاشقان سانائەت رايونى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلماقتا» دېگەندەك ناملاردا تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسا، يەرلىك ئۇيغۇرلار تېرىلغۇ يەرلىرى، ئۆي - زېمنلىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاينىڭ شىنخۇا تورىنىڭ 5 - ماي كۈنىدىكى بىر خەۋىرىدە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ 2011 - يىلى ئېلان قىلغان 33 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن نۇقتىلىق قۇرۇلۇش رايونى پىلانىغا ئاساسەن، ئىلىدا قۇرۇلۇۋاتقان قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان 35 كۋادرات كلومېتىر دائىرىدىكى ئۇل - ئەسلەھە قۇرۇلۇشىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، «غۇلجا باغچىلاشقان سانائەت رايونى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ دائىرە، شەرقتە پىلىچى سېيىدىن باشلىنىپ،غەربتە يېزا ئىگىلىك 4 - دېۋىزىيە 66 - پولكىغىچە، شىمالدا جىڭ - قورغاس تۆمۈر يولىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا ئىلى دەرياسىغىچە تۇتىشىدىكەن. خەۋەردە يەنە بۇ سانائەت رايونىدىكى ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرى ھەققىدىمۇ توختالغان بولۇپ،«يېزا - ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، بىئو - خىمىيە سانائىتى، ماشىنا - ئۈسكۈنە، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەسى قاتارلىق تۈرلەر يولغا قويۇلغان»لىقى بايان قىلىنىپ، ئىلى رايونىدا قۇرۇلۇۋاتقان باغچىلاشقان سانائەت رايونىنىڭ ئىلى رايونىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى پاراۋان قىلىش مەقسىتىدە، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تەستىقى بىلەن قۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
ئۇنداقتا غۇلجىدا قۇرۇلۇۋاتقان«باغچىلاشقان سانائەت رايونى» يەرلىك ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009 - يىلى 4 - ئايدىن باشلاپلا غۇلجىدىكى ئۈرۈك ماكانى دەپ ئاتالغان تۇرپانيۈزى يېزىسىدا دېھقانلارنىڭ ئۈرۈكلۈك باغلىرى، خىتاينىڭ چىڭخۇا شىركىتى تەرىپىدىن «ساياھەت رايونى قۇرۇش» نامىدا ئەرزان باھادا مەجبۇرىي سېتىۋېلىنىشقا باشلىدى. تۇرپانيۈزى يېزىسىدا ئەينى چاغدا باغلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلانغان دېھقانلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەرزىنى داۋاملاشتۇرماقتا. تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى بېغىنى سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغان نۇرى ئىسىملىك دېھقاننىڭ كەنت كادىرلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى نەتىجىسىدە 2009 - يىلى 5 - ئايدا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، تۇرپانيۈزى دېھقانلىرى ئارىسىدا ھېلىمۇ سۆزلىنىپ يۈرمەكتە. 2010 - يىلدىن باشلاپ، غۇلجىنىڭ پىلىچى كۆمۈر كېنىنى سېتىۋالغان بېيجىڭ چىڭخۇا شىركىتى قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرى، پىلىچى كۆمۈر كېنى ئەتراپىدىكى نوغايتۇ، قاراياغاچ، چولۇقاي يېزىلىرىدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ يايلاقلىرى، تاغ باغرىدىكى بىنەملىرى، تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئەرزان باھادا تۈركۈم - تۈركۈملەپ سېتىۋېلىشقا باشلىدى.
بىردىن - بىر تىرىكچىلىك مەنبەسى بولغان تېرىلغۇ يەرلىرىنى چىڭخۇا شىركىتىگە ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر دېھقان،رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ «يەر ھۆكۈمەتنىڭ، دېگەننى باھانە قىلىپ، دېھقانلارنى يەرلىرىنى سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى بايان قىلدى.
خىتاي شىركەتلىرى ئىلىغا كەلگەندىن كېيىن، رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىپ، يەرسىز قالغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تىرىكچىلىك يولى پۈتۈنلەي ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى، رايوندىكى مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشقا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى دېھققانلار ئۇچراۋاتقان قىسمەتلەرنى بايان قىلدى.
ئۇ سۆزىدە،چىڭخۇا شىركىتىنىڭ دېھققانلارنىڭ يېرىنى سېتىۋالغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، دېھقانلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىشىسىز قالغان پەرزەنتلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋەدە قىلغانلىقىنى، ئەمما پىلىچى كۆمۈر كېنىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان تېخنىك ئىشچىلار، دېھقانچىلىق ماھىرلىرى دېگەن نامدا نۇرغۇنلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆچۈپ كېلىپ يەرلىشىۋاتقانلىقىنى، شىركەتنىڭ پىلىچى كۆمۈر كېنىغا يانداپ قۇرغان كۆمۈر گازى شىركىتىنىڭ رايوننىڭ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ، ئىلى باغلىرىدىكى ئالما، ئۈرۈك قاتارلىق سورتلۇق مىۋىلەرگە كېسەل تېگىپ، ئىلى يېزىلىرىدا ئۆپكە تىبىركلوزى قاتارلىق نەپەس كېسەللىكلىرىنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجىدا قۇرۇلۇۋاتقان باغچىلاشقان سانائەت رايونى دائىرىسىگە، بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن پىلىچى كۆمۈر كېنى، تۇرپانيۈزى،نوغايتۇ، قاراياغاچ، چولۇقاي قاتارلىق يېزىلار كىرگۈزۈلۈپ، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرى، ئۆي - زېمنلىرى مەجبۇرىي سېتىۋېلىنغاندىن باشقا، ئىلى دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق تاشكۆۋرۈك يېزىسى، چاپچال ناھىيىسىنىڭ كان يېزىسى قاتارلىق جايلارمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلارمۇ 2011 - يىلدىن باشلاپ، يەر - زېمىنلىرىدىن ئايرىلىش قىسمەتلىرىگە دۇچ كەلمەكتە. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كان يېزىسىدىكى توقايلىق 2011 - يىلى دېھقانلارغا ئۇقتۇرۇلماستىن يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىلگەن. ئۇندىن باشقا 2011 - يىلى يىل ئاخىرىدىن باشلاپ دائىرىلەر غۇلجا شەھىرىنىڭ تاشكۆۋرۈك يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىرىنى، تۇرالغۇ زېمىنلىرىنى مەجبۇرىي سېتىۋېلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئىلى دەرياسى بويىغا جايلاشقان بۇ ئاۋات مەھەللىدىكى ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، بۇ رايونغا ئىگىز قەۋەتلىك تۇرالغۇ ئۆيلەرنى سېلىش قۇرۇلۇشىنى باشلىۋەتكەن.
0:00 / 0:00