نۆۋەتتە چەتئەلدە ياشاۋاتقان، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى بىر ساقچى دوستىنىڭ ھەمراھلىقىدا «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرلىرى» نى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان بىرەيلەن غۇلجا شەھىرىدىكى «يېپىق لاگېر» لارنىڭ ئورنى ھەققىدە توختىلىپ، لاگېردىكىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ، «تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئاتالغان 5 ئورۇندىكى لاگېرنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر تۈرمە ئىكەنلىكىنى، لاگېردىكىلەرنىڭ مەھبۇس كىيىمى كىيىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا شەھىرىدە ياماچاڭ، پارتىيە مەكتىپى، مالىيە مەكتىپى، سۇ دەرۋازا دوختۇرخانىسى ۋە قارادۆڭ 7-خاڭ قاتارلىق ئاز دېگەندە 5 ئورۇندا «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرى» تەسىس قىلىنغان. بىر دوستىنىڭ ھىمايىسى بىلەن بۇ لاگېرىدىن بىرىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان بىر مۇھاجىرنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە غۇلجا شەھىرىدىكى بۇ لاگېرلاردا ئوقۇتقۇچىلار، دۆلەت خىزمەتچىلىرى، دىنىي زاتلار، دېھقانلار، فابرىكا ئىشچىلىرى قاتارلىق ھەرساھە كىشىلىرى «تەربىيە» لەنمەكتىكەن. بۇلتۇر كۈز مەزگىلىدە غۇلجىدا بولغان ۋە نۆۋەتتە چەتئەلدە ياشاۋاتقان بۇ كىشى مەزكۇر «تەربىيىلەش مەركىزى» دېگەن ئىسىمنىڭ پۈتۈنلەي ساختا ئىسىم ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر ئورۇننىڭ بىر جازا لاگېرى، يەنى تۈرمىدىن ھېچ پەرقى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ مەھبۇس كىيىمى كىيىدىغانلىقى، ئۇ يەردە ئوقۇتۇش ئەمەس، پەقەت جازا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە لاگېر قورۇسىدا ئۆزى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىدە ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەس-ھۇشىنىڭمۇ جايىدا ئەمەسلىكىگە ئائىت چىراي ئىپادىسى ۋە كۆرۈنۈشلەرگە شاھىت بولغانلىقىنى بايان قىلدى.