گېرمانىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرى توسالغۇغا ئۇچراۋاتامدۇ؟

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، د ئۇ ق نىڭ باش شىتابى جايلاشقان گېرمانىيەدە ئەزەلدىن «سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلار يۇرتىغا قايتۇرۇلمايدۇ» دەيدىغان قاراش مەۋجۇد بولغان ھەمدە 2018-يىلىغىچە شۇنداق بولۇپ كەلگەن. ھالبۇكى يېقىندا گېرمانىيەدىن بىر ئۇيگرنىڭ قايتۇرىۋېتىلىش ۋەقەسىمۇ يۇز بەردى. بۇ گېرمانىيەدىكى كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا گېرمانىيەنىڭ كۆچمەنلەر ۋە سىياسىي پاناھلىق بېرىش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش يۈزبەردىمۇ دېگەندەك سوئاللارنى پەيدا قىلغان.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، گەرمانىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سىياسىي پاناھلىق تەلەپلىرى رەت قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيگەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت كۈنسېرى قەبىھلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلەپلىرى گېرمانىيەدە بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئاسانراق قوبۇل قىلىنىشى لازىم ئىكەن. چۈنكى، د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى گېرمانىيە دائىرىلىرىگە ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەتراپلىق تونۇتۇپ كەلگەن ھەمدە گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئەڭ يېڭى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرغان. ئەمما نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئېيتقاندا، ئىشلار ئەكسىچە ۋەزىيەتنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.

بۈگۈن، د ئۇ ق باش شىتابىدا سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل كۆرۈلمىگەن بىرجۈپ ئەر-ئايالنىڭ كەچمىشلىرىنى ۋە پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ رەت بولغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. نۇرجامال ئابلىمىت خانىم تېخى يېقىندىلا «ۋەتەندىن چىققانلىقىنى، ۋەتەندە كۆڭۈلسىز قىسمەتلەرنى باشتىن كۆچۈرگەنلىكىنى، شۇنداق بولسىمۇ، گېرمانىيەدە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل كۆرۈلمىگەنلىكى» نى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ يولدىشى ئېلىيار غالىپ ئەپەندى بولسا، «ۋەتەندىكى چاغدا تۈرمىگە چۈشكەنلىكىنى، بىر يوللار بىلەن خىتاي ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش يولىنى تاللىغانلىقىنى، ئەپسۇسكى مىڭ مۇشەققەتتە گېرمانىيەگە يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل كۆرۈلمىگەنلىكى» نى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى بۈگۈنكىدەك ئەڭ يامان ھالغا يەتكەن بىر چاغدا ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇ ۋەزىيەتتىن خەۋەردار تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ گېرمانىيەدىكى پاناھلىق مەسىلىسى توسالغۇغا ياكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ؟

بۇ سوئالىمىزغا گېرمانىيەدىكى داڭلىق ئادۋۇكاتلاردىن ئالبىرېكىت گۆرۈڭ ئەپەندىدىن جاۋاب تاپتۇق. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ميۇنخېندىكى ئادۋۇكات گۆرۈڭ بولىمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتى بارغانسېرى يامانلىشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئاخىرقى ئىككى-ئۈچ يىلدىن بۇيان ۋەزىيەت تېخىمۇ ناچارلاشتى. ئاپەت خاراكتېرلىك پاجىئەلەر بولسا، ئۇيغۇرلار ئەڭ ئەقەللىسى ئۆزىنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئېتىقادىدا ئەركىن ياشاش ھەقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىۋاتىدۇ. يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىدا مەجبۇرى مېڭىسى يۇيۇلىۋاتىدۇ. ئەمما گېرمانىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن گېرمانىيەنىڭ سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. ھازىرقى گېرمانىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر سانىنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبلىك، بەزىلەرنى يۇرتىغا قايتۇرۇش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلۇش مەسىلىسى بولسا، ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىدىن پەيدا بولىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ھۆكۈملىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك. سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم پاناھلىق تىلەش پۇرسىتى مەۋجۇد. بۇ پۇرسەتنى قولدىن قاچۇرۇپ قويماسلىق لازىم.»
گۆرۈڭ ئېيتقاندەك بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىككى ئۇيغۇرمۇ تىل بىلمىگەنلىكى ھەمدە رەت قىلىش ئىلتىماسىغا جىددىي قارىمىغانلىقى سەۋەبلىك ئائىلىسى بىلەن بىرگە خەتەرگە دۇچ كەلگەن. ئادۋۇكات ئالبىرېكىت گۆرۈڭ ئەپەندى بۈگۈن ئۇلارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى ئۈچۈن ئادۋۇكاتلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە قارىتا ئۆزىنىڭ ئىستەكلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، غەرب ئەللىرىدە پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىغا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا بەرگەن جاۋابىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.