گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتايدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00


2009 - يىلىدىكى «5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ 5 يىلقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى.

گوللاندىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار 5 - ئىيۇل كۈنى نامايىش قىلىپ خىتايدىن «5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دا ئۆلۈپ كەتكەن، تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات تەلەپ قىلغان.

نامايىش بىر قانچە سائەت داۋام قىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، گوللاندىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار 4 - ئىيۇل كەچقۇرۇن يىغىلىپ بىللە ئىپتار قىلغاچ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا دۇئا قىلىپ 5 - ئىيۇل قۇربانلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.