گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئامستېردام شەھىرىدىكى دام مەيدانىدا نامايىش قىلدى

0:00 / 0:00

1‏-ئۆكتەبىر گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئامستېردام شەھىرىگە جايلاشقان مەشھۇر دام مەيدانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايرام شادلىقىغا قارشى نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

نامايىش پائالىيىتىنى گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى تەشكىللىدى. ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى بىلەن گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى زىچ ماسلاشتى. نامايىش شۇ يەر ۋاقتى 2 دىن 4 كېچە داۋام قىلدى. ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرى بىلەن ئەركىنلىك تەلەپ قىلىنغان لوزۇنكىلار ۋە زۇلۇم ئىپادە قىلىنغان پلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار جاراڭلىق شوئارلىرى بىلەن مەيداننى ئېلكىگە ئالدى.

بۇ قېتىملىق نامايىش خىتايلارنىڭ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىگە يەنى سەيشەنبە كۈنىگە توغرا كەلگەن ئىدى. بۇ كۈن نورمالدا ئوقۇش، خىزمەت ۋە باشقا ئىجتىمائىي ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەر بىلەن ئالدىراش ئۆتىدىغان بىر كۈن بولسىمۇ، دەل خىتايلار بايرام قىلىۋاتقان كۈندە ئۆزىنىڭ ھەقلىق دەۋاسى بىلەن ئۇلارنى شەرمەندە قىلىشنى پۇرسەت بىلگەن ۋە بۇ ئەركىن دۇنيادىكى ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، نامايىشتا بولسىمۇ بىر كىشىلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى ئەلا بىلگەن ئۇيغۇرلاردىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلار بىردەك، ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالىغانلىقى بىلەن ۋىجدانى ئالدىدا راھەتلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامستېردام گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پايتەختى بولۇپ، دام مەيدانى بىلەن مەشھۇر. بۇ يەرگە ھەر كۈنى دېگۈدەك دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ساياھەتچىلەر كېلىپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلمەتلىك قىسمەتلىرىنى دۇنيا ئەھلىگە ئاڭلىتىدىغان ياخشى بىر ئورۇن بولۇپ كەلمەكتە.