گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەتەندە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتى

0:00 / 0:00

گوللاندىيەنىڭ ئوتىرېخت شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىغا جەم بولغان ئۇيغۇرلار 3‏-ئاۋغۇست كۈنى پېشىن نامىزىدىن كېيىن، ۋەتىنىدە شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ غايىۋانە مېيىت نامىزىنى چۈشۈردى.

ئۇنىڭدىن كېيىن، يەكەننىڭ ئېلىشقۇ قاتارلىق يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ئېتىقاد يولىدا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇلغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلاردىن ۋاقىپلاندى ۋە ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇردى.

بىر قىسىم جامائەت ئەربابلىرى بۇ ۋەقەلەر ھەققىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشتى ۋە شۇنچىلا قانلىق باستۇرۇشلارغا پىسەنت قىلماستىن 1‏-ئاۋغۇست خوتەندە يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان پىداكار قىز، ئوغلانلارغا يۇقىرى باھا بەردى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا سەۋىر-تاقەتلەر تىلەپ دۇئا قىلدى. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى مەسئۇلى ئابدۇراھمان قارىھاجىم پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى بىرلىشىشكە چاقىرىپ سۆز قىلدى.

ئاخىرىدا جامائەت ۋەتەندە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ دەلىل-ئىسپاتسىز قىلىۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ، ئەل-يۇرتتىكى ۋەتەنداشلىرىنىڭ بۇ ساھەگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشىنى تەۋسىيە قىلدى ۋە چەتئەللەردىكى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ۋەتەنداشلىرىنىڭ دەۋا ئىشلىرىغا سۇس قاراشتەك سەلبىي تەرەپلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ئىلىپ باردى شۇنىڭدەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.