ۋاشىنگتوندا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نامايىشى بۈگۈن 8-كۈنىگە قەدەم قويدى. 8 كۈندىن بېرى ئەتىگەن سائەت 8 دىن كەچ سائەت 5 كە قەدەر ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن بۇ نامايىشنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قىسىم ئەزالارنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقى مەلۇم. ۋاشىنگتوندا ئۇدا داۋاملىشىۋاتقان بۇ نامايىش يەنە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن. بۈگۈن گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتوندىكى نامايىشنى قوللاش يۈزىسىدىن ئامىستېردامدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا 8 كۈنلۈك نامايىش باشلىغان.
بۈگۈن گوللاندىيەنىڭ ۋاسسىنېر شەھىرىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئالدىدا باشلانغان نامايىشتا ئامېرىكىنىڭ دۇنيادا ئادالەت ۋە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ بايراقدارى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» نى دەرھال تاقاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى تەلەپ قىلىنغان. نامايىشچىلار ئۇيغۇر دىيارىدا بۇلتۇر 3-ئايدىن باشلاپ بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ لاگېردا يېتىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن لاگېردا مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى شۇنداقلا تۇتقۇنلارنىڭ قېيىن-قىستاققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىغا جۈملىدىن، مىللىي مەۋجۇتلۇقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.
گوللاندىيەدىكى بۇ نامايىش ۋاشىنگتوندا 15 كۈندىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر رايوندىكى لاگېرلارنى تاقاش ھەققىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىشىنىڭ ئىلھامى ۋە ئۇنى قوللاش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. بۇ نامايىشنى گوللاندىيەدىكى «ئۇيغۇر نىداسى رادىيوسى»، گوللاندىيە شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى، ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ۋە ياشلار جامائىتىنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ، گوللاندىيەدىكى مەۋجۇت ئۇيغۇر تەشكىلات ۋە گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا ئىشتىراك قىلغان. «ئۇيغۇر نىداسى رادىيوسى» نىڭ مەسئۇلى ئابدۇسالام نىياز ۋە گوللاندىيەدىكى ياشلارنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان ئىلشات ئىسلام بۇ نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئالدىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆتكۈزۈۋاتقان نامايىشقا بۈگۈنكى كۈندە پايتەخت ۋاشىنگتوندىن باشقا يەنە كالىفورنىيە ۋە ئوھاييو شتاتلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ كېلىپ قاتناشقان. بۈگۈنكى بۇ نامايىشقا نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى زۇمرەت تۇرسۇن خانىممۇ ئىشتىراك قىلغان.