لاگېرغا تاشلانغان چەتئەل پۇقراسى: گۈلباھار جېلىلوۋا لاگېردا كۆرگەن قارا كۈنلەر (2)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.01.02
Gulbahar-Jelilova-Jililova.jpg خىتاينىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلىرىدىكى تۈرلۈك قىيناشلارغا شاھىت بولغان قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم.
Gülbahar Jélilowa xanim özi teminligen

گۈلباھار:  «ئاتالمىش تۈرمە دوختۇرخانىسى دېگىنى تۈرمىدىنمۇ قورقۇنچلۇق بىر جاي»

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گۈلباھار جېلىلوۋا، 2017-يىلى، 5-ئايدا ئۈرۈمچىگە مال ئالغىلى كىرگەن كۈنىنىڭ ئەتىسىلا تۇيۇقسىز ۋە سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە لاگېر ئورنىدا قوللىنىۋاتقان تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ۋە تۈرمىلەرنىڭ بىرىگە قامالغاندىن كېيىن، جىنايەتچىلەردەك قاتتىق مۇئامىلە، تىل-ھاقارەت ۋە ناچار تۈرمە شارائىتلىرى سەۋەبىدىن قان بېسىمى توختىماي ئۆرلەپ ئاغرىپ قالغان. دائىرىلەر 10-كۈنىگە بارغاندا ئاندىن ئۇنى تۈرمە دوختۇرخانىسىغا يۆتكىگەن.

ئۇنىڭ تەسۋىرلەپ بېرىشىگە قارىغاندا «جىيەن سو يۈەن» دېگەن بۇ تۈرمە دوختۇرخانىسى، ھەر قايسى تۈرمە ۋە لاگېرلاردىكى جان تۇمشۇقىغا كېلىپ قالغان ئالاھىدە ئېغىر ئاغرىقلار ئاپىرىلىدىغان جاي بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 7 تۈرمىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر رايونى، شەرقىي قەشقەر يولىدا قۇرۇپ چىققان تۈرمىلەر رايونىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئىكەن.

دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىلەرنى بىر يەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى 2010-يىلدىن كېيىن باشلىغان. بۇ، 2016-يىلنىڭ ئاخىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ سىستېمىلىق بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۈرۈمچى تۈرمىلەر رايونىدا جەمئىي 7 تۈرمە بار، 6-ۋە 7 تۈرمە يېڭىدىن مۇددەتلىك جازاغا بۇيرۇلغانلارنى كۆزىتىش ۋە دەسلەپكى تەربىيەلەش ئېلىپ بارىدىغان تۈرمىلەر بولۇپ، ھەر قانداق جىنايەتچى باشتا بىر مەزگىلنى بۇ ئىككى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، باشقا تۈرمىلەرگە يۆتكىلىدىكەن. 2-تۈرمە ئاياللار تۈرمىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا 1-، 3-، 4-، 5-تۈرمىلەرنىڭ ھەممىسى ئەر جىنايەتچىلەرنىڭ تۈرمىلىرى ئىكەن. بۇ تۈرمىلەر رايونى ھەر بىرىگە 10مىڭدىن ئارتۇق جىنايەتچىنى سولاپ باشقۇرۇشقا تېگىشلىك ئەسلىھەلەر ۋە ئادەم كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەم يۇقىرى تېخنىكىلىق كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئارقىلىق پاسىل ئىچىگە ئېلىنغان مەخسۇس بىر رايوندىن ئىبارەت.

گۈلباھارنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ قامالغان 15 ئاي جەريانىدا 2-ۋە 3-تۈرمىلەردە ياتقاندىن سىرت يەنە ئۇنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان دوختۇرخانىسىغا 3 قېتىم ئاپىرىلىپ، ئىلگىرى-ئاخىر 2 ئايغا يېقىن ۋاقىتنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن.

گۈلباھار: «ئۇ يەردىكى دوختۇرخانىدا ياتقاندىن تۈرمىدە ياتقان ياخشىراق» دەيدۇ. ئۇنىڭ بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ تەسۋىرلەپ بېرىشىچە، بۇ جاينىڭ پەقەت ئىسمىلا دوختۇرخانا بولۇپ، ئىچىدىكى مۇئامىلە، باشقۇرۇش، شارائىت ھەتتا تۈرمىلەردىنمۇ بەتتەر. بىمارلار ئۇ جايغا قول ۋە پۇتلىرى كىشەنلەنگەن ھالدا ئاپىرىلغاندىن سىرت يەنە بۇ كىشەنلەر داۋالاش جەريانىدىمۇ ئېلىۋېتىلمەيدىكەن. ئاپتوماتلىق ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدىكى بۇ ئىسمى دوختۇرخانا بولغان جاينىڭ ياتاقلىرىمۇ كامېرغا ئوخشاش بولۇپ، قورشاۋ ئىچىدە باشقۇرۇلىدۇ، بىمارلار ئۆزىنىڭ كامېرىدىن سىرتقا چىقىرالمايدۇ، ھەتتا دوختۇرغا كېسەللىك ئەھۋالىنى بايان قىلىشتىمۇ پەقەتلا خىتايچە سۆزلەش تەلەپ قىلىنىدۇ، دوختۇرلارنىڭ مۇئامىلىسىمۇ ساقچىلارغا ئوخشاشلا قاتتىق ۋە رەھىمسىز.

گۈلباھار بۇ دوختۇرخانا كامېرىدا 30 ئايال بىلەن تەڭ ياتقان، ئۇلار ھەممىسى ھەر خىل كېسەللەر بىلەن ئېلىپ كېلىنگەن بىمارلار بولسىمۇ، ئۇلار تۈرمە ئىچىگە ئوخشاش نۆۋەت بىلەن ئۇخلايدىكەن. گۈلباھار بۇ ئاتالمىش تۈرمە دوختۇرخانىسىدا تۇرۇش جەريانىدا باشقا تۈرمىلەردىن ئېلىپ كېلىنگەن

ئۇلار يەنە ھەر خىل ئىجتىمائىي جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ ئېغىر كېسىلگەن خىتاي جىنايەتچىلەرنىڭمۇ زورلۇق-زومبۇلۇقىغا ئۇچرىغان. چۈنكى ئۇ جايدا سىياسىي تۇتقۇنلار ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەر تەرىپىدىنمۇ ئەڭ ئېغىر كەمسىتىش ۋە زومىگەرلىككە ئۇچراپ تۇرىدىكەن.

2017-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنغان گۈلباھار تۇتقۇندىكى جەرياندا قان بېسىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن سىرت، پۈتۈن بەدىنىنى قىچىشقاق بېسىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققىنىغا 3 ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە داۋالىنىپ ساقىيىپ بولالمىغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، لاگېر ئورنىدا ئۇيغۇرلار قامالغان، يەنى ئۇ ياتقان 3 تۈرمىنىڭ شارائىتلىرى بىر-بىرىدىن پەرقسىز ھالدا ناچار بولۇپ، سۇ يوق، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان قاراڭغۇ كامېرلاردا، ھەر خىل كېسەللەر يامرىغان. ئۇ ئېچىنغان ھالدا: «مەنغۇ قۇتۇلدۇم، ئەمما بىگۇناھ ھەدە-سىڭىللىرىمىز قاراڭغۇ زۇلمەتلىك تۈرمىلەردە تېنى ئاجىز، قورسىقى ئاچ، ئۇيقۇسىز ۋە تەشۋىشلەر ئىچىدە ياشىغاندىن سىرت، ھەر خىل كېسەللەرنى يۇقتۇرۇۋېلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بىر قورقۇنچلۇق خەتەر ئاستىدا تۇرماقتا» دەپ ئەندىشىلەندى.

گۈلباھار ئۆزى كۆرگەن تۈرمە شارائىتلىرى ۋە تۈرمىدىكى ئاجىز، بىگۇناھ ھەدە-سىڭىللىرىنى ئەسكە ئالغاندا ئىختىيارسىز «ئۇلار يەنە قانچە ئۇزۇن بەرداشلىق بېرەر، بەرداشلىق بېرەلەرمۇ. . .» دېگەن سۆزلەرنى تەكرارلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.