جازا لاگېرلارغا قامىلىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، چەتئەللەردىن يۇرتىغا قايتىپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خېلى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى مەلۇم. فىرانسىيەدە يولدىشى ئىككى قىزى بىلەن ياشاۋاتقان گۈلباھار خانىم 2016-يىلى 11-ئايدا پېنسىيە مائاشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بېجىرىش ئۈچۈن، قارىمايغا قايتقىنىچە قايتىپ كەلمىگەن. گۈلباھار خانىمنىڭ قولىدىكى خىتاي پاسپورتى مۇسادىرە قىلىنىپ، ئۇ لاگېرغا قامالغان. ئۇنىڭ چوڭ قىزى گۈلخۇمار ئانىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھازىر فىرانسۇز تىلىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە باياناتلار بېرىپ، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن جىددىي ياردەم تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسىنى فىرانسۇز تىللىق دۆلەتلەر ۋە باشقىلارغا تونۇتۇشتا بەلگىلىك رول ئوينىماقتا.
14 يېشىدا، تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا فىرانسىيەگە كۆچۈپ كەلگەن گۈلخۇمار خاتىۋاجى، ھازىر پارىژدىكى مەلۇم بىر چوڭ سودا شىركىتىدە بازار ئېچىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا، گۈلخۇمار بۇلتۇر 6 -ئايدىن باشلاپ، فىرانسىيەدىكى «فىرانسىيە 24»، «ئېكسپرېس»، «لې موندې»، «ئارتې تېلېۋىزىيەسى» قاتارلىق ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، راۋان فىرانسۇز تىلىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىسىنى ئۆز ئانىسى ئۇچرىغان زۇلۇملارنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ ئاڭلاتماقتا.
گۈلخۇمارنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇكېرىم ئەپەندى 2003-يىلى فىرانسىيەگە ماكانلاشقان، 3 يىللىق ئايرىلىشتىن كېيىن ئانىسى گۈلباھار ئىككى قىزىنى ئېلىپ، 2006-يىلى فىرانسىيەگە كۆچۈپ كېلىپ بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولغان ۋە مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىنى بىر قەدەر خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپ كەلگەن ئىدى.
ئۇلار كېيىنچە فىرانسىيە پۇقرالىقىنى ئالغان بولسىمۇ، گۈلخۇمارنىڭ ئانىسى گۈلباھار خانىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانا ۋە تۇغقانلىرىنى يوقلاپ تۇرۇشقا قۇلاي بولۇشى ئۈچۈن فىرانسىيەنىڭ «يېشىل كارتىسى»، يەنى مەڭگۈلۈك تۇرۇش سالاھىيىتىنى ئالغان ھەمدە ئۆزىنىڭ خىتاي پۇقرالىقىنى ساقلاپ قالغان ئىكەن.
چوڭ قىزى گۈلخۇمارنىڭ تويىنى قىلىپ، خاتىرجەم بولغان گۈلباھار خانىم 2016-يىلى 11-ئايدا، قارىمايدىكى ئىدارىسىنىڭ پېنسىيە مائاشىغا مۇناسىۋەتلىك جەدۋەللەرگە ئىمزا قويۇش ھەققىدىكى جىددىي تېلېفون ئۇقتۇرۇشلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئىككى ھەپتىدىن كېيىنلا قايتىپ كېلىدىغان بولۇپ ۋەتەنگە قاراپ يول ئالغان. ئەپسۇسكى، ئۇ يۇرتىغا بېرىشىغىلا سوراق قىلىنىپ، قولىدىكى خىتاي پاسپورتى مۇسادىرە قىلىنغان. گۈلباھار خانىم تۇنجى قېتىم فىرانسىيەدىكى ئائىلىسى بىلەن تېلېفوندا پاراڭلاشقاندا، ساقچىلارنىڭ ئۇنى قىزلىرىنىڭ 2009-يىلى، 5-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى باھانە قىلىپ قاتتىق تەھدىت قىلغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىكەن.
گۈلخۇمار كېيىنچە ۋەتەندىكى ھاممىسى ۋە باشقا كىشىلەردىن ئانىسىنىڭ 2017-يىلى-1 ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلگەن. گۈلباھار خانىم تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۈن-تۈنسىز يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىغان فىرانسىيەدىكى ئائىلىسى فىرانسىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ گۈلباھار خانىمنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىگە ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا باشلىغان.
يېقىندا فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ گۈلخۇمارغا بەرگەن جاۋابىغا قارىغاندا، خىتاي تەرەپ گۈلباھار خانىمنى جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزگەن دېگەن گۇمان بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.
گۈلخۇمار ئۆزىنىڭ ئاپىسىنى قۇتقۇزۇشتا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ دىققەت قوزغاش، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئەرز سۇنۇشقا ئوخشاش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئاپىسىنىڭ لاگېرلاردىكى ناچار ۋە زۇلمەتلىك شارائىتتا سالامەتلىكىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل بەرداشلىق بېرەلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. گۈلخۇمار ئانىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئادۋوكات تۇتۇپ رەسمىي قانۇنىي يول بويىچە ئەرزىنى داۋام قىلماقتا ئىكەن.
ئانىسىنى چوڭقۇر سېغىنغان گۈلخۇمار: «ئاپامدىن ئايرىلىش بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنى بەكمۇ ئازابلايدۇ، ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ، ھەرۋاق تاماق ۋاقتىدا ئاپامنىڭ يوقلۇقى بىلىنىدۇ، لېكىن بۇ ئازاب ئائىلىمىزنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى» دەيدۇ.
0:00 / 0:00