گۇما پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى (3)

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.02.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
guma-qarshiliq-herbiy-5.jpg گۇما پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن خوتەن تەۋەسىگە كىرگۈزۈلگەن برونېۋىكلاردىن بىرى. 2017-يىلى فېۋرال.
ts.cn


ھۇجۇمچىلارنىڭ تېگى گۇمىدىكى تىنجىماس يېزا-كۆكتېرەك ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى

ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا 14-فېۋرال كۈنى گۇما بازىرىدا پىچاقلىق ھۇجۇم ئېلىپ بارغان ئۈچ ھۇجۇمچىنىڭ تېگى كۆكتېرەكلىك ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. گۇمىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 22-ماي ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى قاتارلىق بىرقانچە چوڭ ۋەقە ھۇجۇمچىلىرىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېزىسى بولۇپ، مەزكۇر 3 ھۇجۇمچىنىڭ ئاتا-ئانىسى 15 يىللار ئىلگىرى ئەنە شۇ تىنجىماس يېزا كۆكتېرەكتىن كۆچۈپ كەلگەن. بۇلار گۇما بازىرىدا دېھقانچىلىقتىن باشقا، ئۇلاقچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ئائىلىلەردىن ئىكەن.

2014-يىلى يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 22-ماي ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمىنى گۇما كۆكتېرەكلىك 5 كىشى ئېلىپ بارغان. 2014-يىلى ئۆكتەبىر گۇما بازىرىدا يۈز بەرگەن ساقچى قاراۋۇلخانىسىغا موتوسېكلىتلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىمۇ كۆكتېرەكلىك ئىككى ھۇجۇمچى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. ئۆتكەن يىلى 10-سىنتەبىر كۈنى گۇما ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت مامۇت كۆكتېرەك يېزىسىدا ئوي تەكشۈرۈش داۋامىدا گەمىدە بومبا پارتىلاپ ئۆلگەن. بۇ قېتىمقى پىچاقلىق ھۇجۇمچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇنىڭدىن 15 يىللار ئاۋۋال كۆكتېرەكتىن كۆچۈپ كەلگەن.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ھۇجۇمچىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ نورمال ئىكەنلىكى، ھۇجۇمدا ئىقتىسادىي سەۋەبنىڭ مۇھىم رول ئوينىمىغانلىقىنى ئىشارەتلىمەكتە. يىللاردىن بېرى، مۇستەقىل كۆزەكۈچىلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يالغۇز ئىقتىسادىي مەسىلە ئەمەس، كۆپ تەرەپلىمە مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ھەممىدىن ئاۋۋال بىر سىياسىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.