كانادا پارلامېنتى ۋە كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئۈچ كۈنلۈك زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كانادا پايتەختى ئوتتاۋاغا يېتىپ كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كانادا پارلامېنت ئەزالىرىغا ئاڭلاتتى.
گۇۋاھلىق بەرگەنلەر ئىچىدە يەنە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا شۆبىسىنىڭ باشلىقى ئالىكىس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ۋە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قېيۇم مەسىمۇف قاتارلىقلارمۇ بار.
بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ، «شەرقى تۈركىستاندىكى خىتايلارنىڭ ھازىرقى نوپۇسى قانچىلىك؟» دېگەن سوئالىغا رابىيە قادىر خانىم جاۋاب بېرىپ، شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي نوپۇسى 1949-يىلىدا 2% بولغان بولسا، ھازىر 55% كە يېتىپ، شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەقلىق ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار سان جەھەتتىن ئاز سانلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، بۇ خىل ئەھۋالنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن مەقسەتلىك ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان نوپۇس يۆتكەش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈردى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.