ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا» ناملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى نۇقتىلىق ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00

بۈگۈن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا «مەغرىبكە بېقىش: خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا» تېمىسىدا مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر يىغىننى ئامېرىكا پارلامېنتى تەسىس قىلغان «ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە خەۋپسىزلىك كومىسسىيىسى» تەشكىللىگەن بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان 12 نەپەر مۇتەخەسسىس مەخسۇس تېمىلار بويىچە گۇۋاھلىق بەردى.

مەزكۇر يىغىنىدا مەخسۇس تېمىلار بويىچە سۆز قىلغانلار ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى خىتاي، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىسلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرى يىغىنغا قاتناشقان پالاتا ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى «خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى سىياسىتى»، «خىتاينىڭ سودا، ئاساسىي قۇرۇلما ۋە تەبىئىي بايلىقلار بويىچە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان باغلىنىشى» شۇنداقلا «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستان بويىچە خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى» قاتارلىق ئۈچ چوڭ تېمىدىن تەشكىل تاپتى.

ئامېرىكادىكى جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكاز ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى دوكتور فرېدرىك ستار بىرىنچى تېما بويىچە سۆز قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدە خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان «يېڭى يىپەك يولى ئىستراتېگىيەسى» نىڭ ئىچ يۈزى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر ئۈستىدە پىكىر بايان قىلدى.

ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئەڭ بالدۇر مۇقىم ئولتۇراق ھاياتقا كۆچكەن ۋە شەھەرلەشكەن خەلق ئىكەنلىكىنى، يېزىق تارىخىنىڭ باشقا ھەرقانداق تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە قارىغاندا ئۇزاق ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا سىياسىي سەھنىدىن ئەڭ يىراقلاشتۇرۇلغان خەلق بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى. دوكتور فرىدرىك ستار يەنە مۇنداق دېدى: «مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ‹بىزنىڭ چارۋىچى قېرىنداشلىرىمىز تېخى 200 يىلنىڭ ئالدىدا ئات-تۆگە ئۈستىدە ياشاپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي ئېقىمىدىن چەتتە تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى ۋە ب د ت دا ۋەكىلى بار بولدى، ئەكسىچە، بىز چەتكە قايرىلىپ قالدۇق› دېگىنىنىڭ ئاساسى بار دەپ قارايمەن» دەيدۇ دوكتور فرىدرىك ستار.

فرېدرىك ستار يەنە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مەشھۇر سىمۋولى بولغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئېچىنىش ئىلىكىدە تەكىتلىدى. ئۇ «جۇڭگونىڭ قورقىدىغىنى دەل تۈركىي تىلىدا سۆزلەپ، ئىسلام ئەقىدىسىگە چىڭ ئېسىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگو تەرغىب قىلىۋاتقان ئاتالمىش ‹جۇڭخۇا مىللەتلىرى› رامكىسىدىن ئېغىپ كېتىشى ياكى جۇڭگونىڭ سىياسىي گەۋدىسىدىن ئاجراپ چىقىپ كېتىشىدۇر»، دەيدۇ. ئۇ يەنە جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» كە، يەنى مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورىزمغا قارشى ئىستراتېگىيەسى بۈگۈنكى كۈندە ئاللىقاچان تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا قارىتا بىر قولىدا يۇمشاق، يەنە بىر قولىدا قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزمەكتە، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا يەنە ئېلىيۇت ئىنستىتۇتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا پروگراممىسى دىرېكتورى دوكتور مارېلېن لارۇللې خانىم خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە سۆز قىلدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە زور مىقداردا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈشى ھەمدە رايوندىكى ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگىلىشى ئۇيغۇرلارنى ئۆز يېرىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئېقىمدىن سىقىپ چىقاردى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا چەتنەشتۈرۈلگەن خەلققە ئايلاندى، مىڭلىغان ئۇيغۇرلار چەتئەللەرگە قېچىشقا مەجبۇر بولدى، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە قازاقىستاندا 300 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ياشايدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. ھالبۇكى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» شۇنداقلا يېقىندا يولغا قويغان «يېڭى يىپەك يولى ئىستراتېگىيەسى» قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ خاتىرجەمسىزلەندۈرمەكتە، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

فرېدرىك ستارمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش ۋە قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزۈپ قالماستىن، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگىمۇ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ئۆز گىراژدانى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارنى تەقىب ئاستىغا ئېلىشقا قىستىماقتا، دەيدۇ.

دوكتور مارىلېن لارۇللې خانىم ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدە يەنە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى: «شۇنى قىياس قىلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىدە شىنجاڭ ھامان ھالقىلىق ئېلېمېنت ھېسابلىنىدۇ. مەيلى قازاقىستان بولسۇن ياكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق باشقا دۆلەتلەر بولسۇن، ھازىرچە ئۇلار جۇڭگو بىلەن يېقىنلاشقاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايوندا قانداق قىلىپ ئىككىلەمچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىنىمۇ كۆزەتمەكتە. بېيجىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى، ۋاقتى كەلگەندە بۇ كۈچ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ تەھدىت سالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە. شۇڭا مېنىڭچە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تاشقى دىپلوماتىيە جەھەتتە رۇسىيە، جۇڭگو ۋە غەرب ئەللىرىدىن ئىبارەت ئۈچ بۇرجەكلىك كۈچلەر سېلىشتۇرمىسىدا ‹بالانس› ھاسىل قىلىشنى ئىزدەيدۇ. تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا، رۇسىيەگە قارىغاندا جۇڭگونى تېخىمۇ چوڭ تەھدىت دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئۇلار رۇسىيەنىڭ سىياسىي تەھدىت پەيدا قىلالىسىمۇ، لېكىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە رۇس كۆچمەنلىرى ئارقىلىق بېسىم ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما جۇڭگونىڭ ھامان بىر كۈنى كۆچمەن تەھدىتى ۋە زېمىن تەلىپى قويىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.»