ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇڭگو ئىشلار كومىتېتى 18-سېنتەبىر چاقىرغان گۇۋاھلىق يىغىنىغا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، كومىتېت رەئىسى كرىستوفىر سىمىس بىلەن جۇڭگو كومىتېتىنىڭ يەنە بىر رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا، ئامېرىكىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بىتەرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىدە مۇرەسسە قىلماسلىققا چاقىردى.
كرسىتوفىر سىمىس مۇنداق دەيدۇ، «ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئەخلاقەن بىتەرەپ تۇرالمايدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا سۈكۈت قىلماسلىقىمىز كېرەك. بىز ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىشىمىز ۋە ئۇنى ھەل قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى، ئامېرىكا خىتاينىڭ جاھىللىقىغا تاقابىل تۇرۇش كۈچى ۋە نوپۇزىغا ئىگە بىردىن-بىر دۆلەت. ۋاڭ يۈ، ئىلى خېپىڭ، جاڭ كەيگە ئوخشاش كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىدە رەھبەرلىك خىزمىتى ئاتقۇرسا، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ مۇقىم بولىدۇ.»
شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، پۇل كۇرسى، تور ھۇجۇمى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىختىلاپى كۈچىيىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ناچارلىشىپ، ئادۋوكاتلارنى قاتتىق باستۇرغان، تىبەت ۋە ئۇيغۇر لار بىلەن توقۇنۇشى كۈچەيگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ يىل يازدا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىغان. يۇقىرىدا كرىستوفىر سىمىس تىلغا ئالغان ۋاڭ يۈ، ئىلى خېپىڭ، جاڭ كەي قاتارلىق شۇ قاتاردا قولغا ئېلىنغان ئىدى.
ئۇلار ئىچىدىكى جاڭ كەي بولسا ئىلگىرى بەزى سەزگۈر ئۇيغۇر سىياسىي دىلولىرىدا ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلىقنى ئۈستىگە ئالغان ئادۋوكاتلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ بۇ يىل 8-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئىشلار ئەلچىسى دەيۋىد ساپېرستېين بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا قولغا ئېلىنغان.
كرىستوفىر سىمىس گۇۋاھلىق يىغىنىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى «قانۇنسىزلىق، ۋەھشىيلىك، چۆچىتەرلىك» ھادىسە، دەپ تەنقىد قىلدى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ، «رەئىس شى جىنپىڭ كېلەر ھەپتە، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى قانۇن بىلەن باشقۇرۇشقا، كىشىلىك ھوقۇققا، ئاممىۋى جەمئىيەتلەرگە قاتتىق ھۇجۇم قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئامېرىكىغا كېلىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى قانۇن ۋە قانۇن لايىھىلىرىنى چىقىرىش ئارقىلىق سىياسىي، دىنىي ۋە ئېتنىك باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇردى. كىشىلىك ئەركىنلىكنى بوغۇپ، تورنى كونترول قىلىشنى كېڭەيتتى.»
ئامېرىكىدىكى «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور ياڭ جيەنلى 18-سېنتەبىر دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بەرگەن پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى. ئۇ گۇۋاھلىق سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ ئىزچىل ھالدا، «جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىسادى، سىياسىي سېستىمىغا داخىل قىلىنسا، ئۇ دېموكراتىيە يولىغا ماڭىدۇ» دېگەن ئوي بىلەن ھەرىكەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خاتالىقنىڭ يىلتىزىنى 1970- يىللارغا سۈرۈش مۇمكىن. سابىق دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كېسسىنگېر خىتاينى خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادى سېستىمىغا داخىل قىلساق، خەلقئارا قانۇن، ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتچان دۆلەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بىراق، بۇ خىل ئەخلاقسىز، قىسقا مەزگىللىك ئىستراتېگىيە كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ رەزىل تەبىئىتىنى، ئۇنىڭ شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭگو چۈشى»دە ئەكس ئەتكەن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش خىرىسىنى، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئورنىغا سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى تۇرغۇزۇش غەرەزىنى كۆرۈپ يىتەلمىدى.»
ياڭ جيەنلى سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاتتىق قول بولۇش ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى، ئەگەر جۇڭگو دېموكراتىيەلەشتۈرۈلمىسە، ئامېرىكا-خىتاي توقۇنۇشى مۇتلەق يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، چۈنكى «ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى پۈتۈنلەي پەرقلىق، نېگىزلىك مەنپەئەتىنى مۇرەسسەلەشتۈرگىلى بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
ياڭ جيەنلى مۇنداق دېدى: «مانا ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن يىللىق خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشتەك ئەخلاقىي ۋە ئىستراتېگىيەسىنى روشەنلەشتۈرۈش ۋاقتى كەلدى. بۇنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى سۈپىتىدە دۆلەت مەجلىسى چوقۇم جۇڭگو دېموكراتىيە قانۇنىنى ماقۇللاپ، فېدىرال ھۆكۈمەتكە ۋە بارلىق ئىدارە-ئورگانلارغا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ نېگىزلىك سىياسەت ئىكەنلىكى ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىشى كېرەك.»
ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرستوفىر سىمىس سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، شى جىنپىڭ ۋاشىنگتونغا كەلگەندە، پرېزىدېنت ئوباما خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىنى چوقۇم گەۋدىلىك مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
كرىستوفىر سىمىس، «ئۇ چوقۇم رەئىس شى جىنپىڭغا ئېنىق قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى، ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنى باستۇرۇش ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشى كېرەك. ئۇ يەنە بارلىق دىپلوماتىك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، زۆرۈر تېپىلسا ئېمبارگو قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئامېرىكىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىشى كېرەك» دېدى.
بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا يەنە، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى، ژۇرنالىست شۆھرەت ھوشۇر گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ، گۇۋاھلىق سۆزىدە، ئوباما ھۆكۈمىتىنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلغاندا ئۆزىنىڭ تۈرمىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.
0:00 / 0:00