13 - ئاپرىل كەلپىن نامايىشىدا ھاكىمنى تىللىغان كىشىگە 6 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، كەلپىندە يېپىق سوت ئارقىلىق جازا ھۆكۈم قىلىنغان 17 نەپەر تۇتقۇن ئىچىدە ھاكىمنى تىللىغانلىقى ئۈچۈنلا 6 يىل كېسىلگەن بىر كىشىنىڭ دېلوسى مەلۇم بولماقتا.

دۇنيانىڭ ھېچ بىر يېرىدە مەۋجۇت بولمىغان ۋە ھېچقانداق بىر قانۇنغا توغرا كەلمەيدىغان بۇ خىل بىمەنە جازا ھۆكۈمى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر رېئاللىقىنىڭ ئىچ يۈزىنى ئاشكارا قىلماقتا.

خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 17 ياشلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئابدۇلباسىتنىڭ ناھەق ئۆلۈمى 13 - ئاپرىل كۈنى كەلپىن خەلقىنىڭ بىر مەيدان قارشىلىق نامايىشىغا پىلتە بولغان.

مەرھۇم ئابدۇلباسىتنىڭ ئانىسى ئامىنەمنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى كەلپىننىڭ يۈرچى يېزىسىدىن تەشكىللەنگەن نامايىشچى ئامما مىيىتنى كۆتۈرۈپ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان. ھالبۇكى، نامايىشچى ئامما يېرىم يولدا قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان. بۇ چاغدا كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ھۈرىيەت ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى مەردان مۇقىيت قاتارلىقلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن. دەل شۇ ۋاقىتتا نامايىشچىلار ئىچىدىن بىرەيلەن «قانجۇق» دەپ بىرسىنى تىللىغان. ئۇنىڭ بۇ سۆزنى كىمگە قارىتىپ دېگەنلىكىنى كىشىلەر ئاڭقىرالمىغان. ئەمما نامەلۇم بىرسى ھۈرىيەت ھاكىمنىڭ قۇلىقىغا شىۋىرلاپ، بۇ تىل - ئاھانەتنىڭ ھاكىمغا قارىتىلغانلىقىنى يەتكۈزگەن.

نامايىشتىن كېيىنكى ساقچىلارنىڭ تۇتقۇنىدا ھېلىقى كىشىمۇ تۇتۇلغان. بىرقانچە ئايلىق قاماقتىن كېيىن بۇ كىشىنى «ھاكىمغا تىل تەگكۈزۈپ ھاقارەت قىلغان» دېگەن قالپاق بىلەن 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

زىيارىتىمىز جەريانىدا ئامىنەم شۇنچە زور تەھدىتلەرگە قارىماي ئۆزىنىڭ ناھىيەلىك ھۆكۈمەتكە ئېلتىماس سۇنغانلىقىنى، ئېلتىماسىدا تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشنى، جازا ھۆكۈمى كېسىلگەنلەرگە كەڭچىلىك قىلىشنى ئۆتۈنگەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ قاماقتىكى گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ ئورنىدا تۈرمىدە يېتىشقا رازى ئىكەنلىكىنى، پەقەت تۇتۇلغانلارنى قويۇپ بەرسىلا ئوغلى ئابدۇلباسىتنىڭ دەۋاسىنى قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئېلتىماسىغا جاۋاب بېرىلمەيلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى ساقچىلار تۇتۇپ بىر كېچە - كۈندۈز قاماپ قويغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، 3 ئايدىن بۇيان دائىرىلەر ئۇنىڭ ئېتىۋېتىلگەن ئوغلى ئابدۇلباسىتنىڭ قەيەرگە كۆمۈۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنىمۇ رەت قىلغان.

ئامىنەم ھازىر كەلپىن بازىرىدىكى بۇنىڭدىن 5 يىل بۇرۇن ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيىدىن قوغلانغان. ئۇ ئامالسىز يەرلىك دائىرىلەردىن نوپۇسىنى ئاقسۇغا ياكى ئۈچتۇرپانغا ۋە ياكى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەلىپى رەت قىلىنغان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىرىنچى يىللىقىنى پۈتتۈرگەن قىزىمۇ ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ يار بەرمەسلىكى سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان.

تەپسىلاتنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.