دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش-ھاشار ھەققىدىكى يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دوكلات ھەققىدە قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىغا قاراتقان بېسىم سىياسەتلىرى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان بىر شارائىتتا، ھاشاردىن ئىبارەت مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش سىياسىتىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلىۋاتقان يەنە بىر چوڭ مەسىلە بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. شۇڭا ئۇ، دۇنيا جامائىـتىنى بۇ مەسىلە ھەققىدە خەۋەردار قىلىش ۋە بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىش ئۈچۈن مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەييارلانغانلىقى بىلدۈردى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر ئېلىدا ھاشاردىن ئىبارەت مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ھەرىكىتى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ھاشار ئەمگىكىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى 10 يىل ئىلگىرىلا ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردە يەنىلا تۈرلۈك شەكىل ۋە ناملار ئاستىدا ئوخشاش داۋام قىلماقتا. رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇلاردىن يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «ئەل رايى قۇرۇلۇشى» دەپ ئېلىپ بېرىۋاتقان سۇ قۇرۇلۇشى، يول قۇرۇلۇشلىرى ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم دۆلەت مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان چوڭ قۇرۇلۇش ئەمگەكلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ زىممىسىگە ئارتىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. كىشىگە خۇددى قۇللۇق تۈزۈمنى ئەسلىتىدىغان بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمى ئۇيغۇر ئېلىدا پەسىل ئايرىماي، يىل بويى ئايلارچە داۋام قىلماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باشقا نۇرغۇن ئىنسان ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكلىرى بىلەن بىرلىكتە ھاشارنىڭمۇ دىققەت قوزغاشقا ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى زۆرۈر بولغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن، پەيشەنبە كۈنى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلدى. «شەرقىي تۈركسىتاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سېستىمىسى-دۆلەتنىڭ تەستىقى بىلەن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھاشار سېستىمىسى» ماۋزۇلۇق بۇ دوكلات 29 بەتتىن تەركىب تاپقان. دوكلاتنىڭ كىرىش قىسمىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت شەرھىلىنىش بىلەن بىرگە، ھاشارنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ قانداق شەكىللەردە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىزگە بۇ دوكلاتتا يەر ئالغان مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى: «بۇ دوكلات كىرىش قىسم، ھاشار ھەققىدە چۈشەنچە، ئۇنىڭ ئىجرا قىلىش شەكىللىرى ۋە ئۇنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئالاقىدار خەلقئارا قانۇنلار ۋە شۇنداقلا بىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا ئورگانلارغا قويغان تەلەپلىرىمىزدىن ئىبارەت 5 بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان. خىتايدىكى «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى» خەلقئارادا كەڭ تونۇلسىمۇ، ئەمما ھاشار بۇنىڭدىنمۇ پەرقلىق. شۇڭا بىز دوكلاتتا ھاشارنىڭ زادى نېمىلىكىنى ناھايىتى تەپسىلىي چۈشەندۈردۇق.»
ئىلگىرى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار خىتايدىكى بۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىىش مەسىلىسى ھەققىدە تەنقىدلىگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تۈزۈمنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق، ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا تۈرلۈك نارازىلىق، قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىشكە باشلىغاندىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ ھاشارنى قايتا يولغا قويۇپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكىتىنى تەقىب قىلىش ۋە كونترول قىلىش ۋاستىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى دەل مۇشۇ بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن بۇيانقى 3-4 يىل مابەينىدە ھاشار تۈزۈمى قايتىدىن شىددەتلىنىشكە باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى بىكارغا ئىشلىتىش ئارقىلىق بىر ياقتىن ئۆزلىرىگە ئىقتىسادىي مەنپەئەت ياراتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە مەجبۇرىي يىغىۋېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىشنى، ئۇلارنى تەقىب قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.»
دەرۋەقە، رادىيومىز مۇخبىرلىرى بۇلتۇر ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدىكى بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرىدىن ھاشار ھەققىدە سۇئال سورىغاندا، ئۇ 2015-يىلى 1-ئايدىن باشلانغان «دولقۇن ھاشار» نىڭ كىشىلەرنى بوش قويماسلىق ۋە بوش ۋاقىتلىرىدا توپلىشىپ قالايمىقان ۋە قانۇنسىز ئىش چىقىرىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى. ئۇ سۆزىدە ھاشارنىڭ ھەرگىز ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئەمەس، پەقەت ۋە پەقەت مۇقىملىقنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتتىمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم بىر يېزىدا «سوتسىيالىستىك ئەمگەك» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل مەجبۇرىي ئەمگەك شەكلىنىڭ يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا ھاشارنىڭ خەلقئارادا خىتاي ئۆزى قول قويغان ئەمگەك قانۇنلىرىغا خىلاپلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا مۇشۇنداق قانۇنغا خىلاپ بىر ھەرىكەتنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىدىن خەلقئارادىكى ئالاقىدار تەشكىلاتلارنى خەۋەردار قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ۋە بۇ دوكلاتنىڭمۇ ئەنە شۇ مەقسەت بىلەن تەييارلانغانلىقىنى ئېيتتى.
مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، ئاتۇش، خوتەن ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى ھەرقايسى ناھىيە ۋە يېزىلارنىڭ نوپۇس ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇيغۇر-خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ نىسبىتى، ئۇلارنىڭ كىرىم پەرقىگە ئائىت ستاتېستىكىلىق مەلۇماتلارمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېرىلگەن بولۇپ، دوكلاتتا پەقەت ھاشار مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت، ئۇيغۇر-خىتاي نوپۇسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىم مەنبەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارمۇ يەر ئالغان.
0:00 / 0:00