سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئىبادەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، 3 - سېنتەبىر ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ھاجىلار ھەج ئۆمىكى مەسئۇللىرىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، خىتاينىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.
ھەج ئۆمىكىنىڭ مەزكۇر پائالىيىتىگە قاتناشقان، ئەمما ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر نەپەر خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھەج قىلىش ئۆمىكىنىڭ مەسئۇللىرى ھاجىلار بىلەن بىرلىكتە 3 - سېنتەبىر مەككە شەھىرىدە، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق نەق مەيداندىن كۆرگەن ۋە بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلغان.
خىتاي ھەج ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى ئادىل ھاجى كېرىم سۆز قىلىپ:«بۈگۈن دۆلىتىمىزنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاجانلاندىم. بۇ تارىخىي كۈننى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. ھەر بىر ئادەم تىنچلىقنى سۆيۈشى، تىنچلىقنى ساقلىشى لازىم. ئىسلام دىنىمۇ تىنچلىق، مېھرىبانلىقنى ۋە كەڭ قوساقلىقنى تەرغىپ قىلىدۇ. بىز ھەر بىر ھەج قىلغۇچىغا بۇنى تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.
مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ما خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خاتىرىلەش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىنى ھەج ئۆمەك ئەزالىرىنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئەستايىدىل ئۆگىنىپ چىقىشىنى تەۋىسىيە قىلغان. شۇ كۈنى ھەج ئۆمەك مەسئۇللىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىن كەلگەن ھەج ئۆمەك ئەزالىرى خىتاي دۆلىتىنىڭ تىنچ - ئامانلىقى ئۈچۈن بەيتۇللاھغا بېرىپ ناماز ئوقۇپ دۇئا قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ھاجىلار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق بايرىقى ئېسىلغان ئۆيلەردە شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى دوكلاتىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئاساسەن دوكلات روھىنى ئۆگەنگەن.
مەككىدىكى ئۇيغۇر جامائەت مۆتىۋەرلىرىدىن ئەخمەت مۆمىن ئەپەندى خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان مەككىدە بۇ خىلدىكى سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك دەپ ئەيىبلىدى.
بەزى ھاجىلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھەج ئۆمىكى مەسئۇلى ئادىل ھاجى كېرىم بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ھەج ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى تۇرغان پىدايى بۇ قېتىمقى ھەج پائالىيىتىدە سىياسىي ئۆگىنىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان بولۇپ، ئۈرۈمچى، قارماي، تۇرپان قاتارلىق شەھەرلەردىن كەلگەن ھاجىلار باشلامچىلىق بىلەن سىياسىيغا دىققەت قىلىش ئۆگىنىش كۇرسلىرىنى باشلىۋەتكەن.
مەككىدىكى ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى ھەج پائالىيىتىدە خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى سەئۇدى ئەرەبىستان قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ھاجىلارنىڭ ھەج مەزگىلىدە بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى چەكلەيدىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى كوممۇنىستىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا تۈپتىن قارشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختالدى.
بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ھاجىلار ئاۋۋال مەدىنە شەھىرىدە بەش كۈنلۈك پائالىيەت ئېلىپ بارغان، كېيىن مەككە شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن. ھاجىلارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، بۇ يىللىق ھەج ئۆمىكىنىڭ بەلگىلىمىسىدە بەشكە رىئايە قىلىش ئالاھىدە بەگىلەنگەن بولۇپ، كىمىكى بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلسا ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆمەك رەھبەرلىرى ھاجىلارغا ئالاھىدە ئەسكەرتىش بەرگەن. بۇ بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىچە بولۇپ، بىرىنچى، مەككە ۋە مەدىنىدە ئۇرۇق - تۇغقان ۋە دوست - بۇرادەرلىرى بارلار ئۇلار بىلەن قەتئىي كۆرۈشمەسلىك. ئىككىنچى، كوچىلاردا ئۇچراپ قالغان ئۇيغۇرلار بىلەن سالاملىشىپ سۆھبەتلەشمەسلىك. ئۈچىنچى، مەسچىتلەردە تارقىتىلغان دىنىي ۋە سىياسىي كىتابلارنى قوبۇل قىلماسلىق. ئەگەر قوبۇل قىلغانلار بولسا دەرھال ھەج ئۆمەك مەسئۇللىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىش. تۆتىنچى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا چەتئەللىك ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا سۆز قىلماسلىق. بەشىنچى، بۇ يىلقى رامىزان ئېيىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلارنى روزا تۇتقۇزماسلىق سىياسىتى توغرىسىدا قەتئىي توختالماسلىقتىن ئىبارەت ئىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00