بىز ئالدىنقى ئايدا غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي يېزىسىدىكى زېھنى ئاجىز ئايال ھەنىپە كېرىمنىڭمۇ ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئەكېتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەپتە يەنە ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا، باياندايدىكى كەنت كادىرلىرىنىڭ ھەنىپە كېرىمنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە، ئۇنى يېقىندا ياماچاڭدىكى تەربىيەلەش مەركىزىگە بېرىپ يوقلاپ كەلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. ھەنىپە كېرىمنى كۆك فورما كىيىم بىلەن ئېكراندىن كۆرگەنلىكىنى بايان قىلغان كەنت ئاياللار مۇدىرى، ئۇنىڭ ھال ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىقىنى تىلغا ئالدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
بىز غۇلجا ياماچاڭدىكى «تەربىيىلەش لاگېرى» دا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان زېھنى ئاجىز ئايال ھەنىپە كېرىمنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، بايانداي يېزىسىدىكى ئالاقىدار كەنت كادىرلىرىغا قايتىدىن تېلېفون قىلدۇق. باياندايدىكى بىر ئاياللار مۇدىرى كەنت كادىرلىرى ۋە ھەنىپە كېرىم ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ يېقىندا ھەنىپە كېرىمنى يوقلاپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزلىرىدە، بۇ يوقلاشنىڭ ئائىلە ياكى كەنتنىڭ تەلىپى بىلەن ئەمەس، بەلكى لاگېر باشقۇرغۇچىلارنىڭ يەنى سىياسىي-قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. مەلۇم بولۇشىچە، 5 ئايدىن بېرى لاگېردا تۇرۇۋاتقان ھەنىپە كېرىم ئېكراندا كۆك رەڭلىك فورما بىلەن، يەنى مەھبۇس كىيىمى بىلەن كۆرۈنگەن. ئاياللار مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھەنىپە كېرىم ئېكراندا ئۆزىنىڭ ھال-ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىقىنى بايان قىلغان. ھەنىپەنىڭ خىتاي تىلى ۋە قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان مۇدىر، ئۇنىڭ ئەھۋالىدا بەك ئەندىشە قىلىپ كەتكۈدەك ۋەزىيەتنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى. ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، ھەرقانداق بىر مەھبۇسنىڭ ئۆز ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئىجابىي تەرىپلەشلەرگە ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ، شۇنداق دېيىشكە مەجبۇر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا تەسىس قىلىنغان «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» نى، 2 -دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قۇرۇلغان ناتسىستچە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئوخشاتماقتا. بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ناتسىستچە لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارمۇ لاگېر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن سىرتتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئۆز ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىقى ھەققىدە مەكتۇپلار يازغان يەنى ئائىلە-تاۋاباتىغا ئۆز ئەھۋالى ھەققىدە يالغان مەلۇمات بەرگەن. بىز ئۆتكەن يىلى لوپتىكى بىر ساقچى خادىمىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمىزدا، «تەربىيىلەش لاگېرى» دا يېتىۋاتقان گۈلنار ئەمەت ئىسىملىك بىر قىزنىڭ دادىسىغا يازغان خېتىنى ئوقۇپ بەرگەن؛ خەتتە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلگەن ئىدى.