يېقىندا «سىنا» تورىدا بىر خىتاي ساقچى باشلىقىنىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭ بىرىنچى سېپىدىكى بىر ساقچى باشلىقىنىڭ تەسىراتى» ناملىق باياناتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتايدىكى ئاممىۋى تور بەتلىرىدە كۈچلۈك بەس-مۇنازىرە قوزغىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ باياناتنىڭ ئاپتورى ما فېي ئىسىملىك بىر خىتاي بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى 3-دېۋىزىيەسى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋە ئىدارە باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتىكەن.
خىتاي تور بەتلىرىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدە 38 يىل ساقچىلىق خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغانلىقى، «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا قارشى ھەرىكەتلەردە مول تەجرىبىگە ئىگە ئىكەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان.
ئۇ 3-ئاۋغۇست كۈنى «سىنا» تورىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى دىنىي مۇھىتنى تازىلاش ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «چېگرا سىرتىدا ئۇرۇق تېرىلغان ھامان، چېگرا ئىچىدە دەرھال بىخ سۈرۈپ مېۋە بەرمەكتە. ئەگەردە دىنىي مۇھىت تازىلانمىسا ‹چىۋىن› لەرنى مەڭگۈ يوقاتقىلى بولمايدۇ.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى - ‹ھۇجۇم قىلىش› تۇر، مەسىلە بايقالغان ھامان ‹ھۇجۇم› دەل جايىدا، ئۈزۈل-كېسىل بولۇشى كېرەك»
ئۇ يەنە 28-ئىيۇلدىكى يەكەن ۋەقەسى ھەمدە 30-ئىيۇلدىكى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھاكىمىيەت بىزنىڭ قولىمىزدا، ساقچى بىزنىڭ قولىمىزدا، ئاخبارات بىزنىڭ قولىمىزدا، تۈرمە بىزنىڭ قولىمىزدا. شۇنداقكەن، بۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز، زوراۋان تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىشىمىز كېرەك!»
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ساقچى باشلىقى ما فېينىڭ بۇ باياناتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا سىياسىي ۋەزىيەت پەۋقۇلئاددە كەسكىنلەشكەن بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي تۈزگەن ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا تۈرلۈك قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىقىنى، بۇنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ‹دۆلەت تېررورى› نى تەشەببۇس قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
ساقچى باشلىقى ما فېي «سىنا» تورىنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ھەققىدە ئۆزىنىڭ 7 تۈرلۈك تەكلىپىنى ئوچۇق خەت شەكلىدە قوشۇمچە قىلغان.
ئۇ مەزكۇر باياناتىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدا سېلىنغان مەسچىتلەرنىڭ 24 مىڭدىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئالدىنقى سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى، بۇنى چوقۇم كونترول قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ئەۋج ئالغان رايونلاردا ئۇنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىۋاتقان پەردە ئارقىسىدىكى «قارا قوللار» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئۈچۈن ئالدىن قول سېلىش ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈشنىڭ ئەڭ ياخشى چارە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇندىن باشقا، ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «ئاساسىي قاتلام ۋە بىرىنچى سەپتىكى ساقچىخانىلار ھەمدە ج خ ئورگانلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ‹مىللىي بۆلگۈنچىلىك› ۋە ‹تېررورلۇق› قا قارشى كۈرەشتە مول تەجرىبىگە ئىگە قاتلامدۇر. ئۇلار بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىس ۋە سەرخىل كۈچ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.»
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ساقچى باشلىقى ما فېينىڭ باياناتىنى دەل خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتىكى ئىچكى پىكىر بىرلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىشى دەپ قارىماقتا. ئۇلار يەنە ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئارقا-ئارقىدىن قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشى، ھەتتا جۈمە تاھىردەك خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەرىپىنى ئالغان كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ساقچى باشلىقىنى قورسىقىدىكى گەپنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇر قىلغان دەپ ھېسابلىماقتا.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.