مۇشۇ ئاينىڭ 4 - كۈنى يەنى دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئۈچتۇرپان ناھىيىسى ياۋكۆۋرۈك يېزىسىنىڭ 6 - كەنت 2 - مەھەللىسىنىڭ باشلىقى تۇرسۇن ئەمەت، ئىككى خىزمەتدىشى بىلەن بىرلىكتە ئەتىگەندە كەنتكە يىغىنغا كېتىۋېتىپ، بىر موتوسىكلىتتا كېتىۋاتقان ئىككى كىشىدىن گۇمانلانغان ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ سالاھىيەت كېنىشكىسىنى سورىغان، گۇماندارلار، «بىزنىڭ سالاھىيەت كېنىشكىمىز بۇ!» دېگىنىچە، يېنىدىن پالتىسنى چىقىرىپ تۇرسۇن ئەمەتكە ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمچىلار ئەسلىدە ئۈچتۇرپان ئىماملىرىمدا ئۆتكەن ئاينىڭ 9 - كۈنى 4 ئائىلىلىك خىتاي يەر خوجايىنلىرىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، قېچىپ يۈرۈپ قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان پىدائىيلاردىن 29 ياشلىق سۇلايمان توختى بىلەن 20 ياشلىق ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بولۇپ، بۇلار خىتايپەرەست مەھەللە باشلىقى تۇرسۇن ئەمەتنى نەق مەيداندا چاناپ ئۆلتۈرگەن. ئەمما ئۇنىڭ ئىككى خىزمەتدىشىنىڭ قېچىپ كېتىشىگە يول قويغان.
خىتاي ساقچىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگىنىدە مەزكۇر ئىككى پىدائىي نەق مەيداندىن ئۇزاقلىشىپ بولغان. نۆۋەتتە ئۈچتۇرپاندىكى خىتاي دائىرىلىرى ۋە قوراللىق قىسىملىرى قاتتىق ساراسىم ئىچىدە مەزكۇر ئىككى پىدائىينى ئىزدىمەكتە.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.
بىز بۇ ۋەقە ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ياكۆۋرۈك يېزىلىق پارتكومغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي كاتىپ، ۋەقەدە ئۆلگەن مەھەللە باشلىقىنىڭ تۇرسۇن ئەمەت ئىكەنلىكىنى، ۋەقەنىڭ چارلاش داۋامىدا ئەمەس، ئۇ ئىككى خىزمەتدىشى بىلەن بىرلىكتە كەنتنىڭ ئەتىگەنلىك يىغىنىغا كېتىۋاتقىنىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشچە، تۇرسۇن ئەمەت ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ۋە بىرقانچە يېرىدىن پالتا بىلەن چاناپ ئۆلتۈرۈلگەن. يېزىلىق پارتكومنىڭ بەي پەمىلىلىك بۇ كاتىپى، ۋەقەنىڭ 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سەھەردە يۈز بەرگەنلىكىنى، گۇماندارلارنىڭ ساقچىلار يېتىپ كەلگىچە قېچىپ ئۆلگۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى. بىز بۇ خادىم تەمىنلىگەن ئالاقە ئۇچۇرىغا ئاساسەن، ۋەقە يۈز بەرگەن 6 - ۋە 7 - كەنت سېكرىتارلىرىنى زىيارەت قىلدۇق:
1
سوئال: سىز مەھەللە باشلىقى، 7 - كەنت باشلىقى موللاھاپىز بولسىز، شۇنداقمۇ؟
جاۋاب: ھە شۇ.
سوئال: ئۆلتۈرۈلگەن مەھەللە باشلىقىنىڭ ئىسمى نېمە؟
جاۋاب: تۇرسۇن ئەمەت.
سوئال: ۋەقە قانداق يۈز بېرىپتۇ؟
جاۋاب: تۇرسۇن ئەمەت يەنە ئىككىسى بىلەن بىللە ئەتىگەندە كەنتكە يىغىنغا كېتىۋاتقان ئىكەن، يولدا ئىككى گۇمانلىق كىشىنى كۆرۈپتۇ، بېرىپ سالاھىيەت كېنىشكىسىنى سورىغان ئىكەن، گۇماندارلار «مانا بۇ بىزنىڭ سالاھىيەت كېنىشكىمىز» دەپ يېنىدىن پالتىنى چىقىرىپ چانىۋېتىپتۇ.
سوئال: ھۇجۇمچىلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
جاۋاب: قېچىپ كەتتى، ئىزدەۋاتىمىز.
2
سوئال: سىز ئۆلتۈرۈلگەن تۇرسۇن ئەمەت تەۋە بولغان 6 - كەنتنىڭ سېكرىتارى بولسىز، شۇنداقمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق.
سوئال: ۋەقە يۈز بەرگەن يەردە سىز بىللە ئەمەسمىدىڭىز؟
جاۋاب: ياق، مەن ئىشخانىدا ئىدىم، ئادىتىمىز بويىچە ئەتىگەنلىك يىغىن ئاچماقچى ئىدۇق، تۇرسۇن ئەمەت شۇ يىغىنىمىزغا كېلىۋاتاتقان ئىدى، يېنىدا يەنە بىر كەنت كادىرىمىز ۋە بىر دېھقان بار ئىدى. ئۇلار يولدا بىر موتوسىكلىتنى ئاستا ھەيدەپ كېتىۋاتقان ئىككى گۇمانلىق كىشىنى كۆرۈپتۇ، ئۇلارمۇ بىر موتوسىكلىت بىلەن گۇماندارلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگشىىپ مېڭىپتۇ. مەلۇم بىر يەرگە كەلگەندە تۇرسۇن ئەمەت ئالدىنى توسۇپ سالاھىيەت كېنىشكىسىنى سورىغان ئىكەن، ئۇشتۇمتۇتلا ھۇجۇمغا ئۇچراپتۇ. شۇ كۈنى تۇرسۇن ئەمەتنىڭ ئۈستىدە ئالاچىپار خىزمەت فورما كىيىمى بار ئىدى، قالغان ئىككىسىنىڭ ئۇچىسدا نورمال ئۆزىنىڭ كىيىمى ئىدى، شۇڭا گۇماندارلار تۇرسۇن ئەمەتنى ھۆكۈمەتنىڭ خادىمى دەپ ئويلاپ ئۆلتۈرىۋېتىپتۇ، قالغان ئىككىسىگە چېقىلماپتۇ، ئىككىسى ساق - سالامەت قېچىپ ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلدى ۋە بىزنىڭ ئىشخانىغا كەلدى. بىز خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە، نەق مەيدانغا باردۇق، ساقچىلارمۇ كەلدى، بىراق گۇماندارلار قېچىپ بوپتۇ، تۇتالمىدۇق. بۇلار ئىماملىرىمدا ۋەقە سادىر قىلغان گۇماندارلاردىن قېچىپ يۇرۈۋاتقان سۇلايمان توختى بىلەن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئىكەن، بىز پۈتۈن ئاممىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ ج خ تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ گۇماندارلارنى ئىزدەۋاتىمىز.
ھۆرمەتلىك ئاڭلىغۇچىلار، مەلۇم بولۇشىچە، ئۈچتۇرپان پىدائىيلىرى، ئىماملىرىمدا 4 ئائىلىلىك خىتاي يەر خوجايىنىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئاقسۇ شەھىرىدە يەنە 4 خىتاي تىجارەتچىنى ئۆلتۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە تېخى تۇتۇلمىغان گۇماندارلاردىن 29 ياشلىق سۇلايمان توختى بىلەن 20 ياشلىق ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئۆتكەن ئاينىڭ 18 - كۈنى ئاقتوقايدا ئەدلىيە پونكىتى باشلىقى نۇرمەمەت روزىنى ئۆلتۈرگەن گۇماندارلار ئىكەن.
0:00 / 0:00