مەن نېمە ئۈچۈن «ھىجرەت» سەپىرىگە ئاتلاندىم؟ (3)

0:00 / 0:00

ئۈچىنچى قىسىم: خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى سەرسان-سەرگەردانلىق

جالالىددىن مارالبېشىدىكى ھايات-ماماتلىق قېچىش جەريانلىرىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ئاخىرىدا ئۈرۈمچىگە ماڭغان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسقا چىقىدۇ. ئۇنىڭ قېشىدا نە كىملىكى، نە يول خېتى يوق بولۇپ، كەلگۈسى نامەلۇم بۇ سەپەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

ئۇ شۇنىڭدىن كېيىنكى كەچۈرمىشلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

- كېچە-كۈندۈز يول ماڭدۇق. كارىۋاتلىق ئاپتوبۇستا ئاكامنىڭ ئوغلىنى باغرىمغا چىڭ بېسىپ، ئاللاھدىن مەدەت ۋە كۈچ تىلەپ، يول بويى دۇئا-تىلاۋەت بىلەن ماڭدىم. ئاپتوبۇس ئاخىرى ئۈرۈمچىنىڭ كىرىش ئېغىزى بولغان ئۇلانباي چازىسىغا يېرىم كېچىدە يېتىپ كەلدى. ساقچىلار ئاپتوبۇستىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەرگە چۈشۈپ بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ئاكامنىڭ بالىسى ئۇيقۇدا ئىدى. ئاپتوبۇستىن چۈشسەملا تۇتۇلۇشۇم ئېنىق ئىدى. «ئىھ، ئاللاھ ئۆزۈڭ ساقلىغايسەن!» دېدىم-دە، ئۇيقۇدىكى بالىنى باغرىمغا چىڭ بېسىپ يوتقانغا پۈركۈنۈپ يېتىۋالدىم. ئورنۇم ئاپتوبۇسنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئىدى. يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى چۈشۈپ كەتتى. شوپۇرمۇ مېنىڭ ئاپتوبۇستا يېتىۋالغىنىمغا دىققەت قىلمىدى بولغاي، ئاپتوبۇس ئىشىكىنى تاقىدى.

ساقچىلارنىڭ پەستە يولۇچىلارنىڭ كىملىك ۋە يول خەتلىرىنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قەيەرگە، نېمە ئىش بىلەن بارىدىغانلىقىنى سوراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ياتتىم. تەكشۈرۈش ئالاھازەل بىر-ئىككى سائەت داۋاملاشتى. تەكشۈرۈش ئاخىرلىشىشى بىلەن ئاپتوبۇس قوزغالدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلانبايدىكى قاتتىق تەكشۈرۈشتىنمۇ ئامان-ئېسەن ئۆتكەن بولدۇم.

تاڭ ئاتاي دېگەن بىر مەزگىلدە ئاپتوبۇس ئۈرۈمچى يولۇچىلار بېكىتىگە يېتىپ كەلدى. بىر يېقىنىمىزغا ئالدىن خەۋەر بېرىلىپتىكەن، ئۇ مېنى بېكەتتىن ئېلىپ ئۈرۈمچىنىڭ ئاق مەسچىت قېشىدىكى بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ يەردە پەقەت بىر كېچىلا قوندۇم. ئىككىنچى كۈنى كېچىسى ئۇ يېقىنىمىز ئاكامنىڭ بالىسى بىلەن مېنى ئىچكىرىگە قاتنايدىغان بىر ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا سېلىپ قويدى.

ئاپتوبۇس ئۇدۇل خېنەن ئۆلكىسىگە ماڭغان ئىكەن. ئاپتوبۇستىكىلەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇلار بولۇپ، مەندىن باشقا بىرمۇ ئۇيغۇر يوق ئىدى. كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسنىڭ ئاخىرىدىكى بىر ئورۇنغا جايلىشىپ يەنە بىر ئۇزۇن سەپەرگە تەۋەككۈل قىلدىم.

ئاپتوبۇستىكىلەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇ بولغاچقا يول بويى تەكشۈرۈشمۇ بولمىدى. ئورنۇم ئاپتوبۇسنىڭ ئاخىرىدىكى ئانچە كۆزگە چېلىقمايدىغان جايدا بولغاچقا يول بويى باشقىلارمۇ ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىدى. مەندىن گەپمۇ سورىمىدى. مەنمۇ ھېچكىمگە گەپ قىلمىدىم. ئەمما ئىچىمدە، تۈمەن مىڭ غەم-ئەندىشە ۋە نۇرغۇن خىياللار ئۆركەشلىمەكتە ئىدى. بۇ ئايرىلىشنىڭ يۇرتۇمدىن ۋە يۇرتداشلىرىمدىن مەڭگۈلۈك بىر ئايرىلىش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىغىنىمدا كۆزلىرىم ياشقا تولدى. يول بويى ئاللاھغا سېغىنىپ ئىچىمدە يىغلىدىم. بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئېغىر جۇدالىقنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم.

ئەيتاۋۇر ئىككى-ئۈچ كۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ماڭغان بولساق كېرەك. ئاپتوبۇس ئاخىرى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىپۇسۇ دېگەن جايىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ يەردە مېنى كۈتۈپ تۇرغان قېرىنداشلار مېنى بېكەتتىن ئېلىۋالدى. ئۇ يەردە بىر كېچە قونۇپلا، ئىككىنچى كۈنى يەنە سەپەرگە ئاتلاندۇق. ئۇ چاغدا ئىچكىرىدە چەتئەلگە ھىجرەت قىلغانلارنى يولغا سالىدىغان مەخسۇس «يولچى» لار بار ئىكەن. دەسلەپ گۇاڭجۇ تەرەپكە بېرىپ ئۇ يەردىن قاچاق يول تېپىپ مالايشىياغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدۇق. ئەمما يولچىلىق قىلىدىغان ئۇ كىشىلەر، مەندىن 90 مىڭ سوم ھەق تەلەپ قىلدى. ئاكام بىلەن مەندە ئاران 100 مىڭ سوملا پۇل بار ئىدى. شۇ ئارىدا چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە بۇ سەپەرنىڭ ئوڭۇشلۇق بولمايدىغانلىقى كۆڭلۈمگە ئايان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يولدىن ۋاز كېچىپ، يۈننەن تەرەپ بىلەن چىقىپ كەتمەكچى بولدۇق. بۇ يول ئۈچۈن «يولچى» لارغا 70 مىڭ سوم بېرىشكە كېلىشتۇق. يېنىمدا قەپ قالغان 20 مىڭ سومنى تۈركىيەگە ئالدىن ئەۋەتتىم.

شۇنداق قىلىپ، يۈننەن ئارقىلىق يولغا چىقتۇق. يېنىمىزدىكى پۇل ئاكام بىلەن ئىككىمىزنىڭ چىقىپ كېتىشىمىزگە يەتمىگەچكە، ئاكام ئامالسىز يۈننەندە قەپ قالدى. ئەمەلىيەتتە ئاكاممۇ شۇ مەزگىللەردە قېچىپ يۈرۈۋاتاتتى. ئانام ئۆز ۋاقتىدا ئاكامغا: «قانداق بولمىسۇن، ئۇكىڭىزنى ئالدىن-ئالا يولغا سېلىڭ!» دەپ نەسىھەت قىلغان ئىكەن. شۇڭا ئاكام مېنى يولغا سالدى. مەن چېگرادىن ئۆتۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاكاممۇ خوتۇن، باللىرىنى ئېلىپ كەينىمدىن بىر ئامال قىلىپ يېتىشىپ كەلدى. بىز 13 كىشى بىر گۇرۇپپا بولۇپ يولغا چىقتۇق. كۇنمىڭدىن چېگراغا بارغاندا «قاچاقچىلىق» سودىسى قىلىدىغان خىتايلار بىزنى يوشۇرۇن يوللار بىلەن لائوسقا ئۆتكۈزدى.

بىز لائوسقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، خىتايلار بىزنى شۇ يەردىكى يەنە بىر «ئادەم قاچاقچىسى» غا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئۇلار بىزنى ۋېيتنامغا ئۆتكۈزدى. ئۇ يەردىكى «قاچاقچى» لار بىزنى ۋېيتنامدىن كامبودژاغا، كامبودژادىن تايلاندقا ئۆتكۈزدى. پۈتۈن قېچىش يولىمىز زەنجىرسىمان ھالەتتە بىر‏- بىرىگە ئۇلانغان بولۇپ، بۇ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىكى مۇساپىرلارنى قاچۇرىدىغان مەخپىي يوللارنىڭ بىرى ئىكەن.

كۇنمىڭدىن ماڭىدىغان چاغدا قېرىنداشلىرىمىز مېنى: «كۆپ ئىش كۆرگەن، قېچىش تەجرىبىسى بار،» دەپ قاراپ، سەپەر جەريانىدا قالغان 13 قېرىندىشىمىزغا مەسئۇل قىلىپ قويدى. شۇنداق قىلىپ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى يەلكەمگە ئېلىپ، يول بويى سەپەرداشلىرىمغا ھەمدەم بولۇپ، بۇ قېچىش سەپىرىگە ئاتلاندىم. بەزىدە كۈندۈزى، بەزىدە كېچىسى يول يۈرۈپ دۆلەتتىن-دۆلەتكە يوشۇرۇنچە ئۆتتۇق. بۇ يولدا بىزنىڭ ئاللاھدىن باشقا تايانچىمىز يوق ئىدى.

(داۋامى بار)