ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ھىندونېزىيەنىڭ ئوتتۇرا سۇلاۋېسى ئۆلكىسىدە پائالىيەت قىلىدىغان «شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىدلىرى» ناملىق جىھادى تەشكىلاتىدا 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دائىرىلەر ئۇلارنىڭ ئىككى نەپىرى بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
دائىرىلەر يېقىندا يەنە 2 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر 4 كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، قالغان 2 ئۇيغۇرنىڭ داۋاملىق قېچىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدە ئەندىشە قوزغىدى. ئۇلار ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنى چېكىدىن ئاشقان كۈچ قوللانماسلىققا، ئوچۇق-ئاشكارا ۋە ئادىل بولۇشقا چاقىردى.
ھىندونېزىيە مەركىزى سۇلاۋېسى ئۆلكىسىنىڭ ساقچى باشلىقى، گېنېرال رۇدىي سۇفارىئادى، «شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىدلىرى» تەشكىلاتىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە 2 نەپىرىنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سۇفارىئادى، 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «مۇجاھىدلار» گۇرۇھىدىكى 6 ئۇيغۇرنىڭ 2 نەپىرى ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، قالغان 4 نەپىرىگە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇ، 3-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۆلگەن ئۇ 2 ئۇيغۇرنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى پەرۇق، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى نۇردىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
رۇدىي سۇفارىئادى 8-ئاپرېل مۇخبىرلارغا بەرگەن ئۇچۇرىدا قەيت قىلىشىچە، 3-ئۇيغۇرنىڭ جەسىتى ئۆتكەن ئايدا مەركىزى سۇلاۋېسى ئۆلكىسىدىكى لېلو ناملىق بىر يېزىنىڭ دەرياسىدىن سۈزۈۋېلىنغان.
ئۇ، بۇ كىشىنىڭ قېچىشقا ئۇرۇنغاندا «مۇجاھىدلار» گۇرۇھى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، دەپ قارالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
رۇدىي سۇفارىئادىنىڭ قەيت قىلىشىچە 4-ئۇيغۇر شۇنىڭدىن بىر ھەپتە كېيىن رومپو ناملىق يېزىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئۆلگەن. ئۇ، تۇراڭ ئىسمائىل ئىسىملىك بۇ كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ۋەقە د ئۇ ق ھىندونېزىيەنى خىتاي بىلەن تېرورلۇققا قارشى ھەمكارلاشقاندا كىشىلىك ھوقۇقنى ئۇنتۇپ چاقىرىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەردى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت چارشەنبە كۈنى ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا، ئالدىراپ خۇلاسە چىقارماسلىققا چاقىردى.
دىلشات رىشىت: « بۇ مەسىلىدە ئوچۇق-ئاشكارە بولۇشنى، خىتاينىڭ بېسىمىدا ئەمەس، خەلقئارادا ھەقىقى ئوچۇق ئاشكار بولۇشىنى تىلەيمەن. چۈنكى، بۇ يەردە يەنە بىر مەسىلە بار. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدە خىتايلار ئۇيغۇرلارنى بىن لادىن ۋە ئەل -قائىدىگە چېتىپ يۈردى. ئەمدى ئاشۇ رايوندا بىرەر ئۇيغۇر بىر ۋەقەگە چېتىلىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇيغۇر نىمە ئۈچۈن چېتىلىپ قالدى، بۇنىڭ ئالدى-كەينىنى ئاشكارلىشى كېرەك، تولۇق ئېنىقلاش لازىم. بۇنىڭغا ئالدىراپ باھا بېرىشنى مەن ناتوغرا، دەپ قارايمەن»دىدى.
ئەمما بۇ، ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلار چېتىشلىق تۇنجى ۋەقە ئەمەس. ھىندىنوزىيە ھۆكۈمىتى 2015-يىلى 4 ئۇيغۇرنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئۇلار ساتوسونىڭ « شەرقىي ھىندىزنىيە مۇجاھىدلار» گۇرۇھىغا قاتناشماقچى، دەپ ئەيىپلەنگەن.
ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاكارتا رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 6-ئايدا ئۇ 4 ئۇيغۇرغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى.
ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى يەنە، 2915-يىلى 12-ئايدا غەربىي جاكارتا رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇرنى يېڭى يىل كېچىسى ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان، دەپ قولغا ئالغان.
ئارقىدىنلا بۇ يىل 1-ئايدا غەربىي جاۋا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى باندوڭدا ئىككى ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان. ھىندونېزىيە باش ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ئاگۇس رىيانتو رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئۇ 2 ئۇيغۇرنىڭ دېلوسىنى ھىندونېزىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە ئەترىتى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.
بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىسلامنى قاتتىق كونترول قىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى غازاتچى تەشكىلاتلارغا قىزىقىشىنى كۈچەيتكەن.
تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتايشۇناس مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، پۈتۈن بۇ خاھىشلارنى ئۇيغۇر رايونىدا ئەركىن دىنىي مائارىپنىڭ يوقلۇقى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەركىن ئەكرەم: «مەملىكەتتە كىتابى ئىسلامنىڭ مائارىپى يوق. بولغان بۇ ئىسلام ئىنستىتۇتى، دېگەن يەرمۇ خىتاينىڭ سىياسىتىگە قاراپ ئىسلامىيەتنى ئۆگىتىدىغان يەر. شۇڭلاشقا شەرقىي تۈركىستاندىكى دۆلەتكە باغلانغان ئۇ ئىسلامى مائارىپلار نۇرغۇن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپ ۋە ئارزۇسىغا جاۋاب بېرەلمىگەن گەپ. بېرەلمىگەندىن كېيىن بايام بىز دېگەن دەۋەتچىلەر ئۇلارغا خىلمۇ-خىل نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ. بۇ دەۋەتچىلەرنىڭ بىر قىسمى ئوخشاش نەرسىلەرنى چۈشەندۈرىدۇ. بىر قىسمى ئوخشىمايدىغان نەرسىلەرنىمۇ ئاڭلىتىدۇ.) دىنىي ئۇقۇملارنى( خىلمۇ-خىل چۈشەنچىلەر بىلەن چۈشەندۈرەلەيدۇ.»
دوكتور ئەركىن ئەكرەم يەنە، مۇستەقىل ۋە ئەركىن دىنىي مائارىپ چەكلەنگەن يەردە، مۇسۇلمان خەلق ھەر خىل چىقىش يوللىرىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دېدى: « ئىسلامنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى مۇسۇلمانلار ئىجرا قىلالمىسا، بۇ نارازىلىق قوزغايدۇ.) مۇسۇلمانلار(نىڭ نارازىلىقى قوزغالغان يەردە دەۋەتچىلەرنىڭ سۆزى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. بىر بېسىم ئاستىدىكى مۇسۇلماننىڭ خىلمۇ-خىل ياشاش ئۇسۇلىنى تاللىشى ئۇمۇ نورمال بىر ئەھۋال. شۇڭا، بەزىدە بولدى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەركىن يېرىگە كېتەيلى، دەيدىغانلار چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن جىھادقا قېتىلايلى، دەيدىغانلار بولىدۇ. خەلىپىلىك قۇرۇلۇپتۇ، خەلىپىگە كېتەيلى، دەيدىغانلار بار. بېسىم بولغاندا خىلمۇ-خىل يوللارنى تاللاپ ماڭىدىغانلار چىقىدۇ.»
ھىندونېزىيەدە 4 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان شۇ مەزگىلدە، بىر تايلاند ساقچى ئەمەلدارى، 2 ئۇيغۇرنىڭ تايلاند چېگراسىغا كىرگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىش پىلانى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ئۇ تايلاند ساقچى ئەمەلدارى، ئۇ ئىككىيلەننىڭ 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا تايلاندنىڭ فۇكەت رايونىغا كىرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ يېنىدا يەنە 2 چېچەننىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما مەزكۇر ساقچى ئەمەلدارى، كېيىنرەك رويتېرسنىڭ خەۋىرىنى رەت قىلغان.
ئۇ، بېنارد خەۋەرلەر تورىغا بەرگەن باياناتىدا: «ئۇلارنىڭ شۇنداق ئىكەنلىكىگە تولۇق دەلىلىمىز يوق» دېگەن. ساقچى ئەمەلدارى، ئۇ ئىككىيلەننىڭ ھازىر مالايشىياغا كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مالايشىيانىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئەخمەت زاھىت ھامىدى بولسا، ئۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلغان. مالايشىيا «بوغاز ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەخمەت زاھىت ھامىدى ئۇلارنى «ئىقتىسادىي مۇساپىر» كۆرسىتىپ، «ئۇلارنى تېررورچى دېيىش ھەقسىزلىق» دېگەن.
ئەمما تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر تەتقىقات مەركىزىدىكى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ كۆرسىتىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى يەرلىك غازاتچى تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بېرىش قولاي بىر نىشان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىتاينىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، قولىنى بۇ دۆلەتلەرگە ئۇزىتىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
ئەركىن ئەكرەم: «بايام دەپ ئۆتكەندەك، جىھاد نەدە بولسا شۇ يەرگە بېرىش لازىم، دەيدىغان كۆز قاراش بار. مالايشىيا بولسۇن، ھىندونېزىيە بولسۇن ياكى رايوندىكى باشقا يەر بولسۇن، (ئۇيغۇرلار) ئوڭاي بارالايدىغان ياكى ئالاقە قۇرالايدىغان بىر تەشكىلاتقا بەلكى ئاسان بارىدۇ.
ئەمما ‹تېررورلۇق تەشكىلاتى› دەپ ئېلان قىلىۋەتكەن تەشكىلاتقا ئۇيغۇرلارنىڭ قېتىلىشى، خىتاي ئۈچۈن بىر باھانە بولىدۇ. خىتاي بۇنى باھانە قىلىپ، ھىندونېزىيە ياكى تايلاند بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىشىمىز، دەپ قولىنى بۇ دۆلەتلەرگە ئۇزىتالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن خىتاي بۇ دۆلەتلەرگە قارىتا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى تىكلىۋالىدۇ» دېدى.
رۇدىي سۇفارىئادىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى قالغان ئىككى ئۇيغۇرغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. ئۇ، بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى ئىبراھىم، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى مۇستافا گەنچ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەمما، ساقچى ئەمەلدارى ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن.