خوڭكوڭ ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

0:00 / 0:00


9 - فېۋرال خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن پۇقرالار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش ۋەقەسى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا قىزىق تېما سۈپىتىدە تارقىتىلماقتا.

ب ب س قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 12 - فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خوڭكوڭنىڭ ۋاڭجياۋ رايونىدا يۈز بەرگەن خەلق بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى بۈگۈنگە قەدەر 65 كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن.

11 - فېۋرال كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ۋەقەگە تۇنجى قېتىم ئىنكاس قايتۇرۇپ، ۋاڭجياۋ ۋەقەسىنى «توپىلاڭ» دەپ ئاتىدىغان. خىتاي باياناتچىسى خۇڭ لېي مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، بۇ ۋەقەنى «‹ئۆز يۇرت تەشكىلاتى› دەپ ئاتالغان رادىكال بۆلگۈنچى كۈچلەر قوزغىغان توپىلاڭ» دەپ ئاتاپ، ۋەقەدە «ئوت قويۇش، ئۇرۇپ - چېقىش، ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاش، ساقچىلارنى كېسەك بىلەن ئۇرۇشتەك زوراۋانلىق ۋەقەلىرى» نىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، 89 نەپەر ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

خۇڭ لېي سۆزىدە يەنە، ساقچىلارنىڭ قانۇنلۇق ئاساستا جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، ۋەقەنى تىزدىن بېسىقتۇرغانلىقىنى، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ساقچىلار تەرەپتە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق غەرب مەتبۇئاتلىرى، خوڭكوڭدا ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ۋەقەلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ھوقۇقىنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچراۋاتقانلىقى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.

مەركىزى گېرمانىيەدىكى «خىتاي دېموكراتىك فېدىراسىيونى» نىڭ رەئىسى فېي لياڭيۇڭ ئەپەندى، بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا: «بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ۋاڭجياۋ ۋەقەسى خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن تۇنجى ۋە ئاخىرقى ۋەقە ئەمەس، ئۆتكەل يىلى مەركەزنى ئىشغال قىلىش پائالىيىتىگە ئون مىڭلارچە خەلق ئىشتىراك ئەتتى، ئەمما نامايىشچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئوق چىقىرىش بولسا تۇنجى ئىش. بۇ خوڭكوڭدىكى ھاكىمىيەتنىڭ بارغانسېرى مۇستەبىتلىشىۋاتقانلىقىنىڭ، بارغانسېرى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتكە باش ئېگىۋاتقانلىقىنىڭ بىر بېشارىتى. خوڭكوڭدا مەتبۇئات ئەركىنلىكى، سۆز ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئەركىنلىكى يىلسېرى تەقىبگە ئۇچرىماقتا. خوڭكوڭ خەلقى بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ. خوڭكوڭ خەلقى كومپارتىيە كەبى مۇستەبىت بىر ھاكىمىيەت ئاستىدا كىشىلىك ھەقلىرىدىن مەھرۇم قېلىشقا سۈكۈت قىلالمايدۇ، بىراق رېئاللىق خوڭكوڭدا ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە» دېدى.

فېي ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتى مىسالغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەتسىز سىياسىتى سەۋەبلىك كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە: «ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئۆز دىنىي ئېتىقادىنى، مەدەنىيەت - ئەنئەنىسىنى، تىل، يېزىقىنى، مىللىي روھىنى قوغداش، جارى قىلدۇرۇش ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى بار. ھەرقانداق بىر مىللەتكە مۇئامىلە قىلغاندا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئاشۇ خاسلىقى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىگە ھۆرمەت قىلىش لازىم. بىراق، خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرگە قارىتا پۈتۈنلەي ئاق تېررورلۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ مىللىي ئۆچمەنلىكىنى كۈچەيتمەكتە» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ھەر بىر مىللەت باشقا مىللەتنىڭ ئۆرپ - ئادىتى، ئەنئەنىسىگە، ئېتىقاد ۋە مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلغاندىلا، مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ھېچ بولمىسا زور دەرىجىدە پەسەيتكىلى بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى دەل ئەكسىچە يول تۇتۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى خىتايلارغا قارشى ئۆچمەنلىككە كۈشكۈرتمەكتە، مىللىي زىددىيەتنىڭ بارغانسېرى ئۆتكۈرلىشىشىگە سەۋەبكار بولماقتا.»

12 - فېۋرال ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئەنگلىيە - خىتاي بىرلەشمە باياناتى» غا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق بىلەن ئەيىبلىدى.

ب ب س نىڭ دەلىللىشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن فىلىپ ھامموند ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتىدا، خىتاي تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئەنگلىيە پۇقراسى بولغان خوڭكوڭ توڭلۇۋەن كىتابخانىسى خادىمى لى بو تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، دوكلاتتا: «خىتاي تەرەپ ئەنگلىيە - خىتاي بىرلەشمە باياناتىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم پىرىنسىپىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دېيىلگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭنىڭ قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىشى، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ مەۋجۇت ھەقلىرىنى قوغدىشى ۋە ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

مەلۇمكى، ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان، خوڭكوڭدىكى توڭلۇۋەن كىتابخانىسىنىڭ بەش نەپەر خادىمى ئىلگىرى - كېيىن ئىز - دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتكەن ۋە ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان.

مەتبۇئاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ بىرى ئەنگلىيە پۇقراسى، يەنە بىرى شىۋېتسىيە پۇقراسى، قالغان ئۈچ نەپىرى خوڭكوڭ پۇقراسى. بۇ بەش كىشىنىڭ تۇتۇپ كېتىلىش ۋەقەسى خوڭكوڭدا ئىزچىل نارازىلىقلارغا سەۋەب بولغان. خەلقئارا جەمئىيەت ۋە غەرب دۆلەتلىرىمۇ بۇ مەسىلىگە جىددىي دىققىتىنى بەرگەن، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقان ئىدى.

بۇ قېتىم ۋاڭجياۋ رايونىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش گەرچە بىر يايمىچى بىلەن ساقچى ئوتتۇرىسىدىكى كىچىك بىر سۈركىلىشتىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، ۋەقەگە «ئۆز يۇرت» دەپ ئاتالغان تەشكىلات كىشىلىرى ۋە خوڭكوڭ پۇقرالىرى ئارىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. تىنچ نارازىلىق ھەرىكىتى بىر ساقچىنىڭ ئاسمانغا ئوق چىقىرىپ ھەيۋە كۆرسىتىشى تۈپەيلى غەزەپلىك قارشىلىققا ئايلىنىپ كەتكەن.

خوڭكوڭلۇق خىتاي زىيالىيسى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى دائىمىي ئەزاسى مەنيەن بۇ توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، شى جىنپىڭ دەۋرىدە يۈز بەرگەن ۋە بېرىۋاتقان ھەقسىزلىقلار توغرىلىق توختالدى.

ئۇ شۇلارنى تىلغا ئالدى: «شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن خىتايدىكى چېرىك ئەمەلدارلارنى يوقاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلىك ھەق - ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى يوقىتىۋاتىدۇ. ئەسلىدىنلا دېموكراتىك ھاياتتا ياشاپ كەلگەن خوڭكوڭ خەلقىنىڭ قولىدىن كىشىلىك ئەركىنلىكىنى تارتىپ ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇ ھال خوڭكوڭدا توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولماقتا. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت، خوڭكوڭدا ئەھۋالنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىۋاتىدۇ. توڭلۇۋەن كىتابخانىسىنىڭ بەش نەپەر خادىمى تۇتۇپ كېتىلدى. ۋاڭجياۋ ۋەقەسىدە 70 نەپەرگە يېقىن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى «توپىلاڭچى» ئاتىلىپ سوتقا تارتىلىۋاتىدۇ. خوڭكوڭ خەلقى خوڭكوڭ ساقچىلىرىنى ياخشى كۆرەتتى. چۈنكى، خوڭكوڭ ساقچىلىرى مەدەنىي، ئادىل ئىدى. ھازىر ئىش دەل ئۇنىڭ ئەكسىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. خەلق ساقچىلارغا خىش - كېسەك ئېتىشقا، ساقچىلار ھەيۋە قىلىپ ئاسمانغا ئوق چىقىرىشقا باشلىدى. دېمەك، خەلق بىلەن ھاكىمىيەتنىڭ ئارىسى ئايرىلدى. بۇندىن كېيىن خوڭكوڭدا قارشىلىقلار ئەۋج ئالىدۇكى، تىنچىمايدۇ. بۇنىڭ جاۋابكارلىقى شى جىنپىڭدا.»

ب ب س نىڭ 12 - فېۋرالدىكى يەنە بىر خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، يەنە ئىككى نەپەر خوڭكوڭلۇق 12 - فېۋرال كۈنى، يەنى بۈگۈن «توپىلاڭ جىنايىتى» تۈپەيلى قولغا ئېلىنغان. ھازىرغا قەدەر قولغا ئېلىنغانلار جەمئىي 70 نەپەرگە يېقىن بولۇپ، مەزكۇر ئاتالمىش «توپىلاڭچى» لار ئۈستىدىن بۇ يىل 4 - ئايغا قەدەر سوت ئېچىلىدىكەن.