كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە ئەرزدارلار خىتاينىڭ ئىككى قۇرۇلتىيىدا ئەرزدارلار ۋەكىلى بولۇشىنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى خۇ جيا باشچىلىقىدا بېيجىڭدىكى ئەرزدارلارنىڭ 22 - فېۋرال بېيجىڭدا نامايىش قىلىپ، يېقىندا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى كېڭەش قۇرۇلتىيىغا ئەرزدارلاردىنمۇ ۋەكىل قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىشى، خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

بېيجىڭدا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىككى قۇرۇلتاي ھارپىسىدا خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەرزدارلار ۋە بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئۆز تەلەپلىرىنى قويماقتا. ئەرزدارلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى بىرلىكتە بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ پائالىيەتلەر مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدىن بوشۈن تورىنىڭ 22 - فېۋرالدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جۈمە كۈنى خىتايدىكى ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى خۇ جيا بېيجىڭغا يىغىلغان يۈز نەچچە نەپەر ئەرزدار بىلەن بىرلىكتە، لوزۇنكا كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ ئىككى قۇرۇلتىيىدا كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە ئەرزدارلارنىڭمۇ ئاۋازى بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. جۈمە كۈنىدىكى باشقا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىككى قۇرۇلتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە ئەرزدارلارنىڭمۇ ئاۋازى بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىدە، تەلەپنامىگە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ سانى جۈمە كۈنىگىچە 500 نەپەردىن ئاشقان بولۇپ، يېڭى ئىرا گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە بۇ قېتىمقى ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى 3 - ئايدا ئېچىلىدىغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىيا كېڭەش قۇرۇلتىيى ئېچىلغانغا قەدەر داۋاملىشىدىكەن.

بۈگۈن ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە، يېقىندا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، سىياسى قانۇن كومىتېتى بىرلىكتە جايلارغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ،20 - فېۋرالدىن باشلاپ ھەرقايسى جايلاردىن ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا كېلىدىغان ئەرزدارلارنى توسۇپ قېلىش، ئىلگىرى كېلىپ بولغان ئەرزدارلارنىمۇ ئادەم ئەۋەتىپ قايتۇرۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان.

جۈمە كۈنى ئەرزدارلار بىلەن بىرلىكتە نامايىش قىلىپ، دارئىرىلەردىن ئەرزدارلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭمۇ ئىككى قۇرۇلتايغا ۋەكىللىك سالاھىيىتى بىلەن قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغان خۇ جيا ئەپەندى بۈگۈن ب ب س ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بېيجىڭدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغانلىقىنى، ئەمما بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە ئەرزدارلارنىڭ ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئۆز ئاۋازىنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئىككى قۇرۇلتاي ھارپىسىدا، يېقىندا ئېچىلغان 18 - قۇرۇلتاي مەزگىلىدىكىگە ئوخشاشلا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان. ساقچى دائىرىلىرى بېيجىڭغا كەلگەن ئەرزدارلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە چەكلىمە قويۇپ، ھەتتا بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە ئەرزدارلارنى تۇتقۇن قىلىش، نەزەربەند قىلىش ھەرىكەتلىرىدە بولغان. ئەمما بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، بېيجىڭدىكى دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى، بېيجىڭ ئولىمپىك كەنتى، جەنۇبىي بېيجىڭ ۋوگزالى، جىڭشەن باغچىسى قاتارلىق جايلاردا ئەرزدارلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ توپلىنىپ نۇتۇق سۆزلەش، لوزۇنكا كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى بىلەن ئەرزدارلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەر خىل توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ بىر قىسىم كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنىش، تاياق يىيىشتەك ئەھۋاللار يۈز بەرگەن.

گەرچە، دائىرىلەر بېيجىڭدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىپ بېرىپ ئەرزدارلارنىڭ توپلىنىشىنى توسۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەرزدارلار يەنىلا بېيجىڭدىكى جامائەت سورۇنلىرىغا توپلىنىپ ئۆز تەلەپلىرىنى قويۇشنى داۋاملاشتۇرغان. ئەرزدارلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە قويغان تەلەپلىرىدە، پۇقرالارغا سۆزلەش ئەركىنلىكى بېرىپ دائىرىلەرنى ئاۋامنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشقا چاقىرىپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مۈلكىنى ئاممىغا ئاشكارىلاش، چىرىك - پارىخور ئەمەلدارلارنى جازالاش، يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار مەسىلىسى، بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان ئىشسىزلىق مەسىلىسى، بارغانچە ئۆسۈۋاتقان مال باھاسى، ناچارلىشىۋاتقان مۇھىت مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان.

رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئىككى قۇرۇلتاي ھارپىسىدا بېيجىڭغا توپلانغان ئەرزدارلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار بولوپ،ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۆز تەلەپلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ھالقىما تەرەقىيات رايونى» قۇرۇش نامىدىكى يەر ئىگىلەش ھەرىكىتىدە، شىركەتلەر تەرىپىدىن ئەرزان باھادا مەجبۇرىي سېتىۋېلىنغان ياكى ئىگىلىۋېلىنغان تېرىلغۇ يەر، تۇرالغۇ ماكان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسى ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاڭ يۇڭخۇڭ ئۇلارنى 20 - فېۋرال كۈنى كېچىسى بېيجىڭ خەيدىيەن رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىدىكى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى ئەكىتىپ، كېچىچە سوراق قىلغاندىن كېيىن 21 - فېۋرال ئەتىگەن سائەت 7 دە قويۇپ بەرگەنلىكىنى، سوراق جەريانىدا گەرچە تەن جازاسى بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرىنىڭ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر يەنە نامايىش قىلىشقا ئۇرۇنسا، ئۇلارنىڭ ئۆزىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنىڭمۇ جازالىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن قايتىدىن بېيجىڭغا توپلانغان ئەرزدارلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى بېيجىڭدىكى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى تەرىپىدىن داۋاملىق تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىنماقتا. نۆۋەتتە بېيجىڭغا ئەرز ئۈچۈن بارغان ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىمۇ بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە خىتاي ئەرزدارلىرى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدىكى كىشىلەر كۆپ توپلىنىدىغان جايلاردىكى نامايىشلارغا قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىمۇ بېيجىڭ ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىش ۋە سوراق قىلىش ئوبىكتىغا ئايلانغان.