كانادا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى باش مىنىستىر تېرېيدونى خىتاي سەپىرىدە ھۈسەنجان جېلىلنى قايتۇرۇپ كېلىشكە چاقىردى
2016.08.29

كانادادىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۆكتىچى تەشكىلاتلار كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تېرېدونىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، جاستىن تېرېدونى خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقراسى - ھۈسەنجان جېلىل بىلەن كەۋىن گارېتنى قايتۇرۇپ كېلىشكە چاقىرغان.
بىرلەشمە ئاخبارات يىغىنىنى خەلقارا بىر ئەركىن دۇنيا، خىتاي دېموكراتىيە فرونتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋە بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن. ئۇلار يىغىندا باش مىنىستىر تېرېدونىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارە ۋە كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي تۈرمىسىدىكى 2 كانادا پۇقراسىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ئاساسلىق كۈنتەرتىپكە قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئاخبارات يىغىنىنى چاقىرغان گۇرۇھلارنىڭ بىرى، «خەلقئارا بىر ئەركىن دۇنيا» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مەجىد ئەل شائىف دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ئەگەر تېرېدو سودىنىلا ئويلاپ، خىتاي تۈرمىسىدىكى كاناد پۇقرالىرىغا كۆز يۇمسا، كانادا ئۆزىنىڭ «روھى، قىممەت قارىشى ۋە پرىنسىپىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ» دېدى.
مەجىد ئەل شائىف مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ (جاستىن تېرېدو) كانادا باش مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىدە كانادا پۇقرالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، كانادا پۇقرالىرىنى ئۆزىنىڭ بالىسىدەك كۆرۈشى كېرەك. ئۇنىڭ خىتايدىكى ھەرىكىتىگە كەلسەك، ئۇ ئاخبارات ئېلان قىلىشتىن ياكى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قايتا باشلاشتىن بۇرۇن، خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادالىقلارنى قويۇپ بەردۈرمىسە، بۇ مۇناسىۋەت ھە ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بالانىس مۇناسىۋەت بولغان بولمايدۇ.
ئەگەر بىز پەقەت ئىقتىسادنىلا ئويلىساق، پەقەت پۇل ۋە خەلقارا سودىنىلا ئويلىساق، بىز ئۆزىمىزنىڭ روھىنى يوقۇتۇپ قويىمىز. بىز يەنە بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىز ۋە پرىنسىپلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز.»
مەجىد ئەل شائىف يەنە، ئىككى تەرەپ قانچىلىك سودا كېلىشىمى ياكى ئىقتىسادى توختامغا ئىمزا قويسا قويسۇن، ئەمما خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادالىقلار چوقۇم قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
مەجىد ئەل شائىف: «مەن سىزگە شۇنى ئېيتاي، كانادا مەدەنىيىتى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلمىغان. ھەممە نەرسە خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىشى مۇمكىن، ئەمما كانادا مەدەنىيىتى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلمايدۇ. مەن باش مىنىستىرنىڭ بۇنىڭغا قۇلاق سېلىشىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن قانچىلىك كېلىشىم، ئىقتىسادى توختام ئىمزالانغان بولسۇن، بىزنىڭ كانادا پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادالىقلار جىنايەتچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ يەردە ئەمەس، ئۇلار پەقەت كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلار، خالاس» دەپ كۆرسەتتى.
توروندىكى ئاخبارات يىغىنى بىلەن بىرگە، «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تورى» ناملىق بىر ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلەشمىسى جاستىن تېرېدوغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ھۈسەنجان جېلىل ۋە كەۋىن گارېتنى كاناداغا قايتۇرۇپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر تەشكىلات خېتىدە، تېرېدونىڭ «ئىككى نەپەر كانادا پۇقراسىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىگە ئېلىشى»نى تەلەپ قىلغان.
ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا يەنە «دېموكراتىيە فرونتى» ناملىق خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى شېڭ شۆ، خىتاينىڭ كانادا پۇقرالىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كانادا پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى تەكىتلىگەن.
شېڭ شۆ دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ھۈسەنجان جېلىلغا ئوخشاش كانادا ۋەتانداشلىرىنىڭ مەنپەئەتى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شېڭ شۆ، ئۇ «خىتاينىڭ ھۈسەنجان جېلىلنىڭ كانادا پۇقرالىقىنى رەت قىلىشىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق» دەپ كۆرسەتتى.
شېڭ شۆ مۇنداق دەيدۇ: «ھۈسەنجان جېلىلنىڭ خىتايدا قاماق جازاسىنى ئۆتەۋاتقىنىغا ھازىر 10 يىل بولدى. گەرچە خىتاي كومپارتىيىسى ئۇنىڭ كانادا پۇقرالىقىنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدە ھېچقانداق ئاساسى يوق. ئۇ ھەقىقەتەن كانادا پۇقراسى،ئۇ 3 - بىر دۆلەتكە ساياھەتكە بارغاندا قولغا ئېلىنىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. خىتاي كومپارتىيىسى ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى.
بۇ ئەھۋالدا بىز باش مىنىستىر تېرېدو ئالدى بىلەن ئويلىشىدىغان مەسىلە، كانادا پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە ئەركىنلىكى، دەپ قارايمىز. شۇڭا، كانادا باش مىنىستىرىنىڭ خىتايدا ئازابقا ئۇچراۋاتقان بۇ ئىككى كانادا پۇقراسىنىڭ مەسىلىسىنى قارشى تەرەپنىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئۇلارنى كاناداغا قايتۇرۇپ كېلىش مەجبۇرىيىتى بار. بىز شۇنىڭدىلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى ئويلىشىشىمىز كېرەك.»
شېڭ شۆن خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كانادانىڭ بۇرۇنقى كونسېرۋاتىپلار ھۆكۈمىتى دەسلەپكى مەزگىلدە ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىگە كۆپ كۈچ چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلارنى خىتاينىڭ ئىقتىسادى كۈچۈيۈپ كەتكەچكە نۇرغۇن دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۇنىڭغا يول قويۇش يولىنى تۇتقان. شېڭ شۆ، نەتىجىدە بۇ ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىنىڭ ئۇزۇراپ كېتىشىگە يول ئاچقانلىقىنى بىلدۈردى.
شېڭ شۆ: «بۇ (ھۈسەنجان جېلىل) مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئارقا كۆرۈنىشى بار. ئەمەلىيەتتە، مۇشۇ بىر قانچىلىغان يىللار مابەينىدە غەربتىكى پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى تۇرغۇن ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. خىتاي بولسا بۇ مەزگىلدە ئۆزىنىڭ غايەت زور نوپۇس كۈچى ۋە جەمىيەتنى بۇلاش - تالاش قىلىشقا تايىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تېز سۈرئەت بىلەن راۋاجلاندۇردى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن دېموكراتىك دۆلەتلەر، ھەتتا بەزى پىشقان دېموكراتىك ئەللەرمۇ خىتايغا نۇرغۇن يول قويدى. ئەلۋەتتە بۇ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى يول قويۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى» دەپ كۆرسەتتى.
كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە باش مىنىستىر تېرېدو نىشانى بېيجىڭدا خىتاي بىلەن كەڭ دىئالوگ قۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش ئىكەن. كانادا باش مىنىستىرلىك مەھكىمىسىنىڭ تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا،«كانادا ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي رەھبەرلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، كانادا ئوتتۇرا قاتلام سىنىپىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈشكە تىرىشىدۇ» دېيىلگەن.
ئەمما «خەلقئارا بىر ئەركىن دۇنيا» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مەجىد ئەل شائىف بولسا كانادا باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلەرنى تۈرمىدىكى كانادا مەھبۇسلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىش شەرتىگە باغلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما مەجىد ئەل شائىف يەنە، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتى بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «باش مىنىستىر خىتاي بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى بۇ مەھبۇسلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىش شەرتىگە باغلىشى كېرەك. بۇنى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش، دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قىممەت ئۆلچىمىگە باغلاش ئەڭ مۇھىم نىشان بولۇشى كېرەك.
ئىككىنچى، بىز شۇنىمۇ بىلىشىمىز كېرەك. بۇ يالغۇز كانادا ھۆكۈمىتىنىڭلا قارارىغا باغلىق مەسىلە ئەمەس، بۇ يەنە كاندا خەلقىغىمۇ باغلىق مەسىلە. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم شۇ، كاندا ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ پىكىرىنى ئاڭلايدۇ. چۈنكى، كانادادا سايلام بار، خەلق بېلەت تاشلايدۇ. شۇڭا، بىز كانادالىقلار بىزنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىمىزغا، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا، بىزنىڭ باش مىنىستىر ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىمىزغا خەت يېزىشىمىز، بىز كانادالىقلار ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك.»
كاندا باش مىنىستىرى جاستىن تېرېدو بۇ سەپىرىدە يەنە 4 - ئاۋغۇست خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھرىدە ئېچىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يىغىننىڭ ھارپىسىدا خاڭجۇ شەھىرىدىكى ئامانلىق تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر رېستورانلىرىنى تاقىغان، ئۇيغۇر يولۇچىلارغا ياتاق بېرىشنى چەكلىگەن ئىدى.