كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى ھۈسەنجان جېلىل ئۈچۈن جامائەت پىكرى توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.11.17
Huseyin-Jelil-305.jpg ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺟﯧﻠﯩﻠﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA File

14‏-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كانادا ئونتارىئو ئۆلكىسىنىڭ ئوكۋېل شەھەرچىسىدىكى يەرلىك ئاساسىي قاتلام ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان «خەلقئارا كەچۈرۈم ئوكۋېل» ناملىق گۇرۇپپا ئۇيۇشتۇرغان.

مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كانادا پۇقراسى، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىگە تېخىمۇ كۆپ جامائەت پىكرى جەلپ قىلىشكەن.

مەزكۇر پائالىيەتچى ئۇيۇشتۇرغان «خەلقئارا كەچۈرۈم ئوكۋېل» گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ۋېندى بېرچېر، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ۋىجدان مەھبۇسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،«خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇ ئادالەتسىز تۈرمىگە تاشلاندى، دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش» دېدى.

ۋېندى بېرچېر مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ بىر سىياسىي مەھبۇس. بىزنىڭ بىر گۇرۇپپا ئۇنىڭ دېلوسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان 2008‏-يىلدىن بېرى ئۇنىڭ داۋاسىنى قىلىپ كېلىۋاتىمىز. ئۇ ۋىجدان مەھبۇسى بولغاچقا بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ھۆكۈمىتىمىزنىڭ دىققىتىنى ئۇنىڭ مەسىلىسىگە بۇراش ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇنى ئادالەتسىز قامالغانلىقىغا كۆڭۆل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتۇر.»

پائالىيەت ئوكۋېلدىكى بىر كىنوخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەنجان جېلىلغا كۆڭۈل بۆلۈشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى قويۇپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان ئاتكرىتكىغا ئىمزا قويۇش، كانادالىق رېژىسسور پاترىسىئو ھېنرىكۇزنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى تېما قىلغان «ئۇيغۇرلار: بىمەنىلىك تۇتقۇنلىرى» ناملىق فىلىمنى كۆرۈش، ئۇيغۇرلار كىم، قەيەردە ياشايدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى باستۇرىدۇ، دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ھۆسەنجان جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە تىلەندىبايىۋا شۇ كۈنكى پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ، «قارىھاجىم ئۈچۈن پوچتا ئاتكرىتكىلارنى تەييارلانغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانتىم» دەپ كۆرسەتتى.

كامىلە تىلەندىبايېۋا مۇنداق دەيدۇ: «ئوكۋېلدىكى كىنوخانىغا باردۇق بىز. مەنمۇ ئويلىمىغانتىم، قارىھاجىمنىڭ پوست كارتىلىرىنى ئىمزالايدىغان ھۆكۈمەتكە ۋە خىتاينىڭ باشلىقلىرىغا يوللايدىغان پوست كارتىلىرىنى تەييار قىلىپتىكەن. ئادەملەر كەلدى، ئۇلار ئىمزا توپلاپ يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ نىيەت -پىكىرلىرىنى يېزىپ تاپشۇردى. 50-60 ئادەم كەپتىكەن، كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىن، ئۇلار بىلەن بىردەم سۆھبەتلىشىپ، كىنو كۆرگىلى كىردۇق. ئەمدى شۇ مىسال، دەپ قارىھاجىمنى شۇندىن بىرى، تۈرمىدە ھازىر 10 يىلدىن ئاشتى، دەپ ئەسلىتىپ، گۇرۇپپىدىكى ئادەملەرنى. نېمە ئۈچۈن ئىمزا توپلايمىز، نېمە ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە ئۆزلىرىمىزنىڭ پىكرىنى يازىمىز، دەپ، شۇنى بىر قاتار چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.»

ھۈسەنجان جېلىل 2005‏-يىلى كانادا ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ شۇ يىلى كانادا پاسپورتى بىلەن ئۆزبېكىستانغا تۇغقان يوقلاشقا بارغاندا قولغا ئېلىنغان. ئۆزبېك ھۆكۈمىتى كېيىنكى يىلى ئۇنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى«تېررورلۇق»بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

مەزكۇر دېلو ئۇزۇن يىل كانادا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك ئىختىلاپ پەيدا قىلىپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ كانادا ۋەتەنداشلىقىنى رەت قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ مەسىلىسى كېيىنكى يىللاردا پەسىيىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلە كانادا باش مىنىستىرى تېرېيدو بۇ يىل 8‏-ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىشنىڭ ئالدى -كەينىدە يەنە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بولۇپمۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادالىق تۇتقۇن كەۋىن گارېتنى قويۇپ بېرىشى، كانادا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى يەنە ھۈسەنجان جېلىل دېلوسىغا بۇرىغان.

كامىلە تىلەندىبايىۋا سەيشەنبە كۈنكى پائالىيەتنىڭ ناھايىتى تەسىرلىك ئۆتكەنلىكىنى، پاترىسىئو ھېنرىكيۇزنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمى- «گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار: بىمەنىلىك تۇتقۇنلىرى»نى كۆرۈپ، بەك تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىدە كانادا يەرلىك ئاساسىي قاتلام جامائەت پىكرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، شۇلار ئارقىلىق كانادا ھۆكۈمىتىگە تەلەپ قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلغان.

كامىلە تىلەندىبايىۋا مۇنداق دەيدۇ: «ئوكىسۋېل، بۇرلىنتوننىڭ كەچۈرۈم تەشكىلاتلىرى، گۇرۇپپىلىرى، (ئۇلارنىڭ) دوستلىرى تولىسى ئاڭلاپ، مۇشۇ كانادالىق، بۇرلىنتونلۇق ئۇيغۇر بولغاندىن كېيىن قىزىقىپ، ھېكايىسىنى ئاڭلايلۇق، دەپ. يەنە بىرى، ئۇ كانادالىق تۈرمىدە 10 يىلدىن بېرى، نېمە سەۋەبى، كىم بۇ ئۇيغۇرلار، نېمە سەۋەبتىن بۇلارنى تۇتىدۇ، نېمە ئۈچۈن خىتاي ئارقىسىدا بۇلارنىڭ، دەپ، بەك قىزىقىدىكەن.

مەن شۇڭا بىرىنچى، قوشنىلاردىن، كامۇنىتىدىن، شەھەرنىڭ كامۇنىتىسىدىن شۇلار بىلەن كۆتۈرۈلمىسە بۇ، ھۆكۈمەت قىلمايدۇ-دەڭا. مۇنداق كۆرۈپ تەسىرلىنىپ قالىدىكەنسىز، ئەمدى. شەھەردىكى، رايوندىكى تەشكىلاتلار، ئىنسانلار قىزىقىپ، مۇشۇ ئىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، بەك تەسىرلەندىم.»

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋېندى بېرچېر بولسا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى ھۈسەنجان جېلىلنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىش، ئۇنىڭ تېزرەك ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ۋېندى بېرچېر: «بىز ئەلۋەتتە (كانادا) ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە جېلىلنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ، ئۇنىڭ تېزرەك قويۇپ بېرىلىشى ۋە كاناداغا قايتىپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا قايىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ھۈسەنجان جېلىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنىڭ قاماق جازاسىنى قىسقارتقان. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ قاماق جازاسى قانچە يىلغا قىسقارتىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆمۈرلۈك قاماق جازالىرىنىڭ نورمالدا 20 يىلغا قىسقارتىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.