كانادادا ھۆكۈمىتىدىن ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش تەلەپ قىلىندى

0:00 / 0:00

كانادادىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرى كانادانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىمى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنى خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

بۇ پىكىر، مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى شەنبە كانادادىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى كۆپ مىللەتلەر مەدەنىيىتى مىنىستىرى تىم ئۇپپال بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ ھەقتە توختالغان تىم ئوپپال ئەپەندى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەرنى ھۆكۈمەتكە چوقۇم يەتكۈزىدىغانلىقى ۋە بۇ توغرىسىدا بىر گۇۋاھلىق يىغىنى ئېچىشقا تىرىشىپ كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا ئۇيغۇر كانادا جەمئىيىتى، ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، خىتاي دېموكراتلار تەشكىلاتى، قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

ئۇيغۇر كانادا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ئابباس، مىنىستىر تىم ئۇپپاللغا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى ۋە شۇنداقلا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ھەرقايسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغان، خىتاينىڭ زۇلۇمىغا بىۋاسىتە ئۇچراپ كاناداغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان شەخسلەر ئوز كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى.

ئەسلىدە، ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كانادا ۋەتەندىشى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خانىمى كامىلە خېنىممۇ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا ئائىلىسى بىۋاسىتە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قاتنىشالمىدى.

ئادىل ئابباس ئۆز سۆزىدە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىنى چىڭ تۇتقان بولسىمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭ كامىلە خانىمنىلا ئەمەس بارلىق كانادالىقلارنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئەھۋالنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئابرۇيىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: بىز كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ جىددىي بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىنى ئۇنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ۋەتەندىشى ئۆتەيدىغان مەجبۇرىيىتىنى چوقۇم ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مىنىستىر تىم ئۇپپال، ۋەكىللەرنىڭ ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بايانلىرىڭلاردىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. ھەممەيلەننىڭ ئاۋازى مەن ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە چوقۇم يەتكۈزۈلىدۇ. مەن سىلەرنىڭ مۇشۇنداق ئۇچرىشىشنى پارلامېنتتا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتلىرىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، پۈتۈن پارلامېنت ئەزالىرىغا ۋە باشقا مىنىستىرلارغىمۇ دەردىڭلارنى ئاڭلىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

مىنىستىر تىم ئۇپپال، سىنگ مىللىتىدىن بولۇپ، كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ تېخى بۇ يىل 7-ئايدا يېڭىدىن كوپ مىللەتلەر مەدەنىيىتى مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەندى.

ئۇچرىشىشنىڭ ئاخىرىدا تىم ئۇپپال مۇخبىرلارنىڭ خىتاي مەسىلىسىدە بۇندىن كېيىن قانداق پىلانلىرىڭىز بار؟ خىتايغا بېسىم قىلىشتا سودىدا ھەمكارلىقنىڭ ئۈنۈمى بار دەپ قارامسىز؟ دېگەن سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىدە بۈگۈن تۇنجى قەدەمنى باسقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىش، ئىلگىرىلەش ۋە ئىستراتېگىيە ئوتتۇرىغا قويۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.