بىز يېقىندا خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقىنىغا 10 يىل بولغان كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىل ھەققىدە، «ھۈسەنجان جېلىلنى قويۇپ بېرىدىكەن» خىتاي تەرەپ «ھۈسەنجان جېلىلنى قەشقەرگە ئاپىرىپ ئائىلىسى ۋە يۇرت جامائەت بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ كەپتۇ» دېگەنگە ئوخشاش ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. بىز بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرا ۋە ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈش مەقسىتىدە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ھازىر قەشقەر شەھىرىدە ياشاۋاتقان قىزى ئەسما ۋە ھەدىسى خەيرىگۈل خانىملارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.
ئەسما: ئەسسالامۇئەلەيكۇم
مۇخبىر: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟
ئەسما: ياخشى. ياخشىمۇسىز؟
مۇخبىر: ئىسمىڭىز كىم سىزنىڭ؟
ئەسما: ئىسمىم ئەسما.
مۇخبىر: يېقىندا ئۈرۈمچىگە بېرىپ دادىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ، كەپسىز شۇنداقمۇ؟
ئەسما: ھەئە. 1-ئاينىڭ 15-كۈنى بارغانتۇق ئايروپىلان بىلەن، ئۈرۈمچىدىكى 1-تۈرمىدىكىلەر ئۆزلىرى تېلېفون قىپتىكەن، ئايروپىلان بىلەن كېلىڭلار، بىلەت ھەممە نېمەڭلارنى ئاتچوت قىلىپ بېرىمىز دەپ، شۇڭا بارغانتۇق 2-ئاينىڭ 2-كۈنى ئوچۇق سوت بولدى، ئوچۇق سوتقا قاتنىشىپ ئاندىن قايتىپ كەلدۇق.
مۇخبىر: ئوچۇق سوت قانداق بولدى؟
ئەسما: بۇرۇن دادام مۇددەتسىز كېسىلگەنتى، سىياسىي ھوقۇقىدىنمۇ ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىنغان. كېيىن دادامغا «كەچۈرۈم بېرىمىز شۇنىڭغا ئوچۇق سوتقا قاتناشساڭلار بولىدۇ» دەپ ئۆزلىرى تېلېفون قىپتىكەن. شۇنىڭغا قاتناشقان. ئۇلار دادامنىڭ جازاسىنى«ھازىر مۇددەتلىككە چۈشۈردۇق. سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىشتىن،9 يىل مەھرۇم قىلىشقا چۈشۈردۇق» دېدى.
مۇخبىر: قانچە ئادەم باردىڭلار ئۈرۈمچىگە؟
ئەسما: ئۈچ ئادەم باردۇق. دادامنىڭ ئاكىسى، مەن ۋە مېنىڭ ئاكام بارغانتۇق.
مۇخبىر: سىلەرنىڭ ياتاق، تاماق ۋە ئايروپىلان بىلەت قاتارلىق بارلىق چىقىمىڭلارنى ساقچى تەرەپ ئۈستىگە ئالدىمۇ؟
ئەسما: ھەئە. ھەر بىرىمىزنىڭ ئايروپىلان بىلىتىمىز 750 يۈەن بوپتىكەن. ئۇلار كۆتۈرۈۋەتتى. بارغاندىن كېيىنمۇ تاماق ياتاقلىرىمىزنى ئۇلار ئورۇنلاشتۇردى. قايتقاندىمۇ ئۆزلىرى ئايروپىلانغا سېلىپ قويدى. 3 كۈن ئۇدا تۈرمىنىڭ ئىچىدە دادام بىلەن كۆرۈشۈپ، بىللە تاماق يەپ پاراڭلىشىپ قىلدۇق.
مۇخبىر: ھۈسەنجان قارىمىنىڭ ئەھۋالى قانداقراقكەن؟
ئەسما: ئۆزى شۇنداق ياخشى تۇرۇۋېتىپتۇ. شۇنداق سېمىز، تۈرمىدە تۇرۇۋاتقاندەك ئەمەس. چىرايلىرىمۇ كەيپىياتىمۇ شۇنداق ياخشى. يېڭى تۈرمىگە كىرگەن ۋاقتىدا كەيپىياتىمۇ تۇراقسىز، ئۆزىمۇ شۇنداق ئورۇقلاپ كېتىپتىكەن بىزمۇ شۇنداق ئەنسىرىگەنتۇق. ھازىر مۇشۇ ئىككى يىلدەك بولۇپ قالدى، بەك ياخشى چىرايىمۇ ئوبدان. ئۆزىمۇ شۇنداق سەمرىپ، كەيپىياتىمۇ شۇنداق ياخشى، ئۆزىمۇ «شۇنداق ياخشى تۇرۇۋاتىمەن، بالدۇر چىقىدىغان بولدۇم» دەپ خوش بولۇپ سۆزلەپ بەردى.
مۇخبىر: يېقىندا يەكەنگىمۇ ئەكەپتۇ ھە؟
ئەسما: ھەئە 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەكەلدى، ساقچى تەرەپ ئۆزلىرى تېلېفون قىپتىكەن، كېلىپ كۆرۈشۈۋېلىڭلار، دەپ. ئەسلىدە «10 ئادەم كۆرۈشسەڭلار بولىدۇ» دېگەن، ئەمما بىزنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلار جىق بولغاندىن كېيىن 43 ئادەم بارغانتۇق، ھەممىمىزنى كۆرۈشتۈردى.
مۇخبىر: ھازىر جەمئىيەتتە ھۈسەنجان قارىمىنى قويۇپ بېرىدىكەن دېگەن گەپ سىزلەر بار، بۇ ھەقتە بىرەر يىپ ئۇچى ئالالىدىڭلارمۇ؟
ئەسما: تۈرمە تەرەپ دادامنى «ئۆزگىرىش ئىپادىسى بەك ياخشى، بالدۇر قويۇپ بېرىشكە بىزمۇ كۈچەيمىز» دېدى. دادام ئۆزىمۇ «مەنمۇ تىرىشىمەن بالدۇر چىقىپ كېتىمەن، بۇ يەردىكى ساقچىلارمۇ شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ، بەك ئېنىق ۋاقتىنى بىلمىسەممۇ، ئەمما بالدۇر چىقىپ كېتىدىغان ئوخشايمەن، بۇنچىلىك كەڭچىلىك بولغاندىن كېيىن، بۇندىن بۇرۇن، سىياسىي جىنايەتچىلەرگە بۇنچىلىك دەرىجىدە كەڭچىلىك قىلىپ باقمىغان» دەۋاتىدۇ.
ئەسمانىڭ يەنە مەلۇمات بېرىشىچە، ئىلگىرى ھۈسەنجان جېلىل ئايدا بىر قېتىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يېرىم سائەت كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلىنغاندىن باشقا، سىرتقا تېلېفون قىلىش قاتارلىق ھوقۇقلىرى يوق ئىكەن. يېقىندىن بۇيان، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ تۈرمە ھاياتىدا زور ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۇ ھازىر قەشقەردىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا پات-پات تېلېفون قىلىپ تۇرىدىكەن. تۈرمە ئىچىدىكى تاماق ۋە يېمەك ئىچمەكلىرىدىمۇ ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن. ھۈسەنجان جېلىلنىڭ روھى كەيپىياتىدىمۇ ئالاھىدە پەرق بولغان.
ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ھازىر قەشقەر شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئاچىسى خەيرىگۈل خانىم مەلۇمات بېرىپ، خىتاي تەرەپنىڭ بۇ يىل 4-ئايدا، ھۈسەنجان جېلىلنى قەشقەردىكى يەكەن تۈرمىسىگە ئەكېلىپ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن. شۇ كۈنى يەكەن تۈرمىسىدە، ھۈسەنجان جېلىلنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىدىن 43 كىشى 2 سائەت ئەتراپىدا ھۈسەنجان جېلىل بىلەن بىللە بولۇپ، ھەم سۆھبەتتە بولۇشقان.
كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىل 2006-يىلى 26-مارت كۈنى تاشكەنتتە قولغا ئېلىنىپ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇپ، 2007-يىلى ئۇ «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئۇ ئۆتكەن 10 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە ياتماقتا.
كانادا ھۆكۈمىتى ۋە كانادادىكى دېموكراتىيە كۈنلۈكى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھۈسەنجان جېلىلنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، نەتىجە بەرمەي كەلگەن.
ئەمما مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي تەرەپتە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە يۇمشاش كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇيۇقسىز ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى 20 يىلغا قىسقارتقان ۋە ئۇ ھەققىدە تېلېۋىزورلىرىدا خەۋەرلەر بېرىپ، ئۇنى «ئىپادىسى ياخشى» دەپ ماختىغان.
بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.