توققۇزاقتىكى زەربە بېرىشتە 6 يىللىق قاماققا ئېلىنغان ئەر-ئايالنىڭ كېسەل بالىسى ئىگىسىز قالغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.11.14
mehelle-oynap-yurgen-bala.jpg كوچىدا ئويناپ يۈرگەن قاراقسىز ئۇيغۇر بالىسى. 2013-يىلى 8-نويابىر، قەشقەر.
AFP

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى قوزغىغان «قاتتىق زەربە» بېرىش دولقۇنىدا جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىلايەت ناھىيىلەردە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پاجىئەلەر چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىنكاس قىلىنماقتا. بىر ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق توققۇزاق ناھىيىسىدە دېھقانچىلىق بىلەن ياشاۋاتقان بىر جۈپ ئەر-ئايال دىنىي رادىكاللىق بىلەن ئەيىبلىنىپ ئاۋۋال تەربىيىلەش مەركىزىگە يوللانغان، كېيىن 6 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇلارنىڭ كېسەل قىزى ئىگىسىز قالغان.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن رادىئومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر توققۇزاق ناھىيىسىدە داۋاملىشىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسى كەڭ ۋە شىددەتلىك ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال توققۇزاقتىكى نۇرغۇن ئائىلىلەردە ئاتا-ئانىلىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىق سەۋەبىدىن بالىلىرى ئىگىسىز قالىدىغان پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر جۈپ ئەر-ئايال ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ قەشقەر توققۇزاق ناھىيەسىدە ياشايدىغان بىر شىرەم تۇغقىنىنىڭ ئايالى ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ ياغلىق ئارتقانلىقى سەۋەبلىك، ئەر-ئايال ئىككىيلەن بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى تەربىيىلەش مەركىزىگە ئەۋەتىلىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن. ئۇلار يېقىندا يۇرتتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرايىم ئاخۇن ۋە ئايالى ھاۋا مۇسايىم ئىككىيلەننىڭ بىرلا ۋاقىتتا 6 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بار 10 ياشلىق كېسەل قىزىنىڭ ئىگىسىز قالغانلىقىنى ئاڭلىغان.

ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ھەققىدە توختالغان ئەر ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى چاغدا، بۇ ئائىلىدىن ھاۋام مۇسايىم خانىم تۇتقاقلىق كېسىلى بار 10 ياشلىق قىزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، ھەر قېتىم بۇ قىزىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كەلگىنىدە دائىم ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە چۈشىدىغان بولۇپ، دېھقانچىلىق بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقان ئۇرايىم ئاخۇن ئادەتتە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكىمۇ بارمايدىغان كىشى ئىكەن. ئەمما بۇ قېتىمقى دولقۇندا 50 ياشتىن ئاشقان بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئايالى ھاۋا مۇسايىمنىڭ ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ ياغلىق ئارتىشى ۋە بۇ خىل كىيىنىشنى ئۆزگەرتىشكە نارازىلىق بىلدۈرۈشى سەۋەب بولغان بۆلىشى مۇمكىن ئىكەن.
بىز ئۇرايىم ئاخۇن ۋە ئۇنىڭ ئايالى ھاۋا مۇسايىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ھەققىدە قەشقەر توققۇزاق ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ ئەمما تېلېفونىمىز ئۇلانمىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاڭلىغۇچىمىز يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇچۇر قامال قىلىنىۋاتقان ئەھۋالدا قەشقەر توققۇزاقتا تۇتقۇن قىلىنغان بۇ بىر جۈپ-ئەر-ئايال ھەققىدىكى ئۇچۇرنى رادىئومىزغا يەتكۈزۈشىنى ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇرلۇق بۇرچى دەپ بىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىشتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر باھانىلەردە تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋالى يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىن بۇيان بارغانچە ئېغىرلاشقان. بۇ يىل 9-ئاي مەزگىلىدە قەشقەر قاغىلىق ناھىيەسىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاي سودىگەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى ناھىيىلەردە ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھەر خىل باھانىلەردە تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاتالمىش تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە ئەۋەتىلىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر خىزمەتچىلىرىدىن تۆت ئىشچى ئاتالمىش ئۆگىنىش مەركەزلىرىگە ئەۋەتىلگەندىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمىغان.

ئەينى چاغدا رادىيومىز مەزكۇر ۋەقەنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قاغىلىق ناھىيىلىك ساقچى ئورگىنىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە تېلېفونىمىزنى ئالغان ساقچى خادىملىرى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تەربىيىلەش مەركەزلىرى ۋە بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.