«ئىلھام توختى مۇئەللىم ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە يېڭى بوشلۇق ئاتا قىلدى. بۇ بوشلۇق-ئەڭ چوڭقۇر ۋە ئاكادېمىك تەپەككۇر، ئۈزۈل-كېسىل مىللىي ئىسلاھات يەنى مىللىي ئۆزلۈك ۋە مىللىي كىملىك ئىسلاھاتى، ئۈنۈملۈك ھەرىكەت شەكلى، قىسقىسى سىستېمىلىق ھالقىش زۆرۈرىيىتى ۋە تەقەززاسىدىن ئىبارەت ئىدى.»
بۈگۈن، ئىلھام توختىنىڭ خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان، ھازىر ياپونىيە كيشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان دوكتور ئاسپىرانت مۇختەرجان ئابدۇراخمان ئىلھام توختىنىڭ ئۆز ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەقىقىي بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ سېيماسىنى ياراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دىققىتىڭلار، دوكتور ئاسپىرانت مۇختەرجان ئابدۇراخمان بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.