ئىلھام توختىنىڭ ئايالى ئېرىنىڭ دېرىكىنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

0:00 / 0:00

15-يانۋار ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتۇپ كېتىلىپ بىر سوتكىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ساقچىلارنىڭ ئىلھام توختىنىڭ كېسەلچان ئانىسىنى 15-يانۋار كېچە سائەت 10:30 دا ئۆيگە ئەكېلىپ قويغانلىقىنى، ئەمما ئىلھام توختى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. گۈزەلنۇر خانىم يەنە ئۆزىنىڭ ئىلھام توختىنى يېقىندىن بىلىدىغان بېيجىڭدىكى بىر قىسىم زىيالىيلار ۋە ئادۋوكاتلارغا ھاۋالە قىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئىلھام توختىنىڭ دېرىكىنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

16-يانۋار پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ خانىمى گۈزەلنۇر خانىم، ئۈندىدار ئالاقە تورى ئارقىلىق ئۇچۇر بېرىپ، ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش جەريانىدىكى ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.

بىز گۈزەلنۇر خانىمدىن ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىلگەن ئانىسىنىڭ ئەھۋالى ۋە بۇ ئائىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سورىغىنىمىزدا گۈزەلنۇر خانىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر خانىم بايانىدا 15-يانۋار كۈنى يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى ئاڭلىتىش بىلەن بىللە،ئىلھام توختىنىڭ زادى قەيەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۆزى ۋە بالىلىرىنىڭ يەنىلا ئۆيدە نەزەربەند قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، سىرتقا چىقىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى، تۈنۈگۈن كېچە سائەت 10:30 دا ساقچىلار ئۆيگە ئەكېلىپ قويغان قېينانىسىنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزى ۋە نارەسىدە ئىككى ئوغلىنىڭ سەھەر سائەت 2 گىچە ئۇخلىمىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر خانىم يەنە بۇ قېتىم كەلگەن ساقچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ساقچىلار ئۆي ئاختۇرۇشى جەريانىدا، ئۆزى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلار ھەققىدىمۇ توختالدى.

گۈزەلنۇر خانىم،15-يانۋار چۈشتىن كېيىن ئۆيگە كىرگەن ساقچىلارنىڭ 40 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئەۋەتكەن ساقچىلاردىن 10 نەچچە كىشىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇلار كۆرسەتكەن ئۆي ئاختۇرۇش قەغىزىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغاندىن كېيىنكى تالاش-تارتىشلارنى بايان قىلدى. ئۇ ساقچىلارنىڭ تاكى 15-يانۋار كېچە سائەت 10:15 ئۆتكىچە ئۆي ئاختۇرۇپ، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ كومپيۇتېرى، تېلېفون قاتارلىق ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرى، بارلىق ماتېرىياللىرى، كىنىشكا، بانكا كارتىسى، ھەتتا ئۆيدىكى ئاپتوبۇس كارتىسىغىچە بولغان بارلىق نەرسىلەرنى 38 دانە ھۆججەت خالتىسىغا سېلىپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر خانىم سۆزىدە يەنە، ساقچىلارنىڭ ئۆي ئاختۇرۇش جەريانىدا ئۇنىڭغا تۇتقان قوپال مۇئامىلىسى ۋە قانۇنسىز قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىنىمۇ بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر خانىم ساقچىلارغا دېگەن سۆزلىرىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققىنى سۆزلىگەن بىر ئەزىمەتنىڭ ئايالى بولغانلىقىدىن غۇرۇر تۇيىدىغانلىقىنى، پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ۋە بالىلىرىغىمۇ ساقچىلارنىڭ ئالدىدىلا ئۇلارنىڭ دادىسى ئىلھام توختىدىن پەخىرلىنىشىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر خانىم سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇ دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختىغا ئوخشاش خىتاينىڭ قانۇن دائىرىسى ئىچىدە تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى سۆزلىگەن بىرىنى تۇتقۇن قىلىشىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ دېرىكىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈش ئىرادىسىدىن يانمايدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختى ئەپەندىنى تۇتقۇن قىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالى ۋە بۇ قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

15-يانۋار كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئىلھام توختى ئەپەندىنى يېقىندىن تونۇيدىغان چەتئەللەردىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرمۇ رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئېللىئوت سپېرلىڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتتىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ۋە ئەڭ يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ياخشى خەۋەر ئاڭلاشقا تەشنا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قىزىمۇ رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، دادىسى ئىلھام توختىنىڭ ھېچقاچان خىتاي قانۇنىغا خىلاپ ئىش قىلمىغانلىقىنى، ئىلھام توختىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن ئىچىدىكى ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دائىرىلەرنى ئەڭ تېز ۋاقىت ئىچىدە دادىسى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.