ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 9-ئايدا بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغىنىغا 2 يىل تولغان مۇشۇ كۈنلەردە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خىزمەت قىلىدىغان بىلىم ئىگىلىرى ئىلھام توختىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار ھەم شۇنداقلا فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، ئامېرىكا، بېلگىيە، كانادا، ياپونىيە ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورلىرىدىن تەركىب تاپقان 400 دىن ئارتۇق ئىلىم ئەھلى بىرلىشىپ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت يېزىپ، ئىلھام توختىنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇۋېتىشكە چاقىردى.
مەزكۇر ئوچۇق خەت خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باشچىلىقىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى نىكولاس بىكۇلىن ئوچۇق خەتتە ئالدى بىلەن ئىلھام توختىنىڭ بىر ۋىجدان مەھبۇسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈنلا تۈرمىگە ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئىلىم ئادەملىرى ئوچۇق خېتىدە بىر دۆلەتتە ئاكادېمىيە ئەركىنلىكى يەنى ئىلىم ئەركىنلىكى مەۋجۇت بولۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مۇنداق دېگەن: «ئىلىم ئەركىنلىكى شەخسلەرنىڭ ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان ئىنستىتۇت ۋە سىستېما ھەققىدىكى ئوي-پىكرىنى دۆلەت ۋە ياكى باشقا ئاپپاراتلارنىڭ جازالىشىغا ئۇچراشتىن قورقماي تۇرۇپ، ئوچۇق بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ... خىتايدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار خەلقئارالىق ئېتىبارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ھەم شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى پىكىر ئەركىنلىكىگە، يىغىلىش ئەركىنلىكىگە ۋە ئاكادېمىيە ئەركىنلىكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز.»
بىلىم ئەھلىلىرى چاقىرىقى داۋامىدا يەنە ئەسكەرتىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىلىم ئەركىنلىكىنى ياقلايدىغانلىقىنى ھەم شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مىللىي زىددىيەتنى پەسەيتىش ھەققىدىكى نىيىتىنىڭ چىنلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ» دېدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باشچىلىقىدا باشلىتىلغان بۇ ھەرىكەت باشقا تەشكىلاتلارنىڭمۇ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. خەلقئارا ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى بوب دېتىز بۈگۈن رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «مەنچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىلىم ئادەملىرىنىڭ ژۇرنالىستلارغا ھەم ئۇنى قوللايدىغان باشقا بارلىق كىشىلەرگە قوشۇلۇشى ئىنتايىن ياخشى بىر ئەھۋال. بۇ بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. بىراق، مەن بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىلھام توختىنى قويۇۋېتىشكە تەييارلىقىغا ئانچە ئىشەنچىم يوق. چۈنكى ئۇلار ئىلھام توختىنىڭ تەسىرىدىن قورقىدۇ.»
بوب دېتىس ئەپەندى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىدەك تىنچلىق بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىگە قارىتا تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بولغان بىر زىيالىينى قولغا ئېلىشىدىكى سەۋەب ئۈستىدە توختىلىپ «دۇنيادىكى ھەممە تەشكىلاتلار ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇنىڭ تۈرمىگە ئېلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتتىن قانچىلىك دەرىجىدە ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشتا قانچىلىك دەرىجىدە چارىسىز قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغالغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئارتماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەلەرنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «دىنىي رادىكاللىققا ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا ئۇيغۇر ئېلىدا چىقىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى پېررىي لىنك شى جىنپىڭغا يېزىلغان ئوچۇق خەتتە مانا بۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىپ «دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر رادىكال ئىسلامچى تېررورچىلاردىن ئەنسىرەۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى رادىكال بولمىغان، تېررورچى بولمىغان بىرىنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟ بۇ يەردىكى مەقسەت پۈتۈن بىر مىللەتكە تەھدىت قىلىشمۇ؟ يەنە كېلىپ رادىكال بولمىغان ۋە ئادەتتە تېررورچىلاردىن ئۇزاق تۇرۇپ كەلگەن بىر مىللەتنى؟ ئۇنداقتا بۇ ئەھۋال ئاستىدا ھەقىقەتەن تېررور پەيدا قىلىۋاتقان زادى كىم؟» دەپ يازغان.
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي سادزىۋىسكى بولسا ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە ھېلىھەم تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ خەلقئارادا ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىي يوقلۇقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە شى جىنپىڭ تەختكە ئولتۇرغاندىن بۇيان خىتايدا «چەتئەل مۇستەقىل ئورگانلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى» «دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى» ۋە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» غا ئوخشاش بىر قاتار يېڭى قانۇنلار ماقۇللانغانلىقىنى، بۇ قانۇنلارنىڭ پۇقرالارنىڭ پىكىر قىلىش، يىغىلىش قىلىش ئەركىنلىكى قاتارلىق نۇرغۇن ئەركىنلىكلىرىنى قانۇن نامى ئاستىدا جازالاش، قانۇن بويىچە باستۇرۇش ھوقۇقى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر رايونىدا يۇقىرىدىكى قانۇنلاردىن باشقا يەنە، يەرلىك ئۆزى ئېلان قىلغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئىلگىرىلەپ بېسىم ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «شى جىنپىڭدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى يەنىمۇ كۈچەيمەكتە. ھازىرقى يەرلىك ئۆزى ئېلان قىلىۋاتقان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىدىن قارىغاندىمۇ بۇ ۋەزىيەتنىڭ يېقىن زاماندا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوڭشالمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ تۇرماقتا. بۇ بىر جىددىي مەسىلە» دېدى.