گۈزەلنۇر خانىم ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتىنى تېخى بېكىتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى

0:00 / 0:00

گۈزەلنۇر خانىم دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختى بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلاردىن يەنە تۆت ئوقۇغۇچىنىڭ يەنىلا قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى گۈزەلنۇر خانىمدىن سۈرۈشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالىدىن تېخىمۇ ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

15-يانۋار كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ بىرقانچە ئوقۇغۇچىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئائىلىنىڭ ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە. ئالدىنقى قېتىملىق زىيارەتلىرىمىزدە گۈزەلنۇر خانىم يەنە ئۆزىنىڭ ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېرىكىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۈگۈنكى زىيارىتىمىزدە گۈزەلنۇر خانىم، ئىلھام توختىنىڭ دوستلىرىغا ھاۋالە قىلىش نەتىجىسىدە لى فاڭتىڭ ئەپەندىنىڭ ئىلھام توختى ئۈچۈن ئادۋوكات بولۇشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئەمما ئادۋوكات لى فاڭتىڭ ئەپەندى ھازىر بېيجىڭدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پەقەت تېلېفوندا لى فاڭتىڭ ئەپەندى بىلەن بىرلا قېتىم پاراڭلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، لى فاڭتىڭدىن باشقا يەنە چەتئەللىك ۋە خىتايلاردىن بولۇپ بىرنەچچە ئادۋوكاتنىڭ ئىلھام توختى ئۈچۈن ئادۋوكات بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ تېخى ئاخىرقى قارارنى بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

18-يانۋار كۈنى ئۆزىنى بېيجىڭلىق دەپ تونۇشتۇرغان شيې يەنيى ئىسىملىك بىر خىتاي ئادۋوكات بوشۈن تورىدا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى بىر ئادۋوكات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقىنىڭ ئاياق-ئاستى قىلىنىشىغا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ۋە ئىلھام توختى ئۈچۈن ئادۋوكات بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئادۋوكات شىې يەنيى بوشۈن تورىدا ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتىدە: «مەن جۇڭگولۇق ئادۋوكات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جۇڭگونىڭ قانۇنىغا ئاساسەن پروفېسسور ئىلھام توختىغا قانۇنىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى بولۇشنى خالايمەن. مەن يەنە شۇنداق بايانات بېرىمەنكى، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشقا بولمايدۇ. قانۇن ئورۇنلىرى ئۇنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، ئۇلار جۇڭگو قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پۇقرالارنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكى، ئېتىقاد ئەركىنلىكى، تەتقىقات ئەركىنلىكى، ئىجادىيەت ئەركىنلىكى ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكى قاتارلىق بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. قانۇن بويىچە ئىش قىلىشى، مەسىلىنى سىياسىيلاشتۇرماسلىقى كېرەك. شۇنداقلا قانۇنىي بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۇچۇردا ئاشكارا بولۇشى، ئەھۋالنىڭ تەرەققىياتىنى سىرتقى دۇنياغا ئاشكارىلىشى شەرت. مەن يەنە ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە بۇ ئىشتىن ئەنسىرەش ئىچىدە تۇرغان جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى دوستلاردىن ھال سورايمەن» دېگەن بايانلارنى بەرگەن.

گۈزەلنۇر خانىم بايانىدا ئۆزىنىڭ شيې يەنيىنىڭ بۇ ئوچۇق خېتى ھەققىدە بېيجىڭدىكى دوستلار ئارقىلىق خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىلھام توختى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بارلىق دوستلارغا رەھمىتىنى ئېيتىش بىلەن بىللە، يەنە ئىلھام توختى ئەپەندى ئۈچۈن ئادۋوكاتلىقنى ئۈستىگە ئالغۇچىنىڭ چوقۇم ئىلھام توختىنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى بىلىدىغان، ئۇنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرالايدىغان، تەسىر دائىرىسى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان ئادۋوكات بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ جەھەتتە يەنىلا ئىلھام توختىنى يېقىندىن بىلىدىغان بېيجىڭدىكى دوستلار بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سۆھبىتىمىز جەريانىدا گۈزەلنۇر خانىم يەنە، دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە شۇ كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەگە قامالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى، ئەمما ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بىر ساقچىنىڭ بېيجىڭدا يەنە بىر مەزگىل تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە تۇتقۇن قىلىنغان 6 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىككىسى قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما ئاتىكەم روزى ۋە يەنە 3 نەپەر ئوغۇل ئوقۇغۇچى قويۇپ بېرىلمىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئوقۇغۇچىلارنى سوراق قىلغان ساقچى ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىن كەلگەنلىكىنى ۋە بېيجىڭدا يەنە 6 ئاي ئەتراپىدا تۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ساقچىلار يەنە، قويۇپ بېرىلگەن ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچىنى ھېچقانداق مەتبۇئاتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىققا ۋە توردا ئىلھام توختى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەسلىككە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرغان.

گۈزەلنۇر خانىم سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا يەنە، ئۆزىنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىدىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەر ساھە كىشىلىرىنى ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.