چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

0:00 / 0:00

15‏-يانۋار، خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ ئۆكتىچى زىيالىي، ئىقتىسادشۇناس ۋە مۇستەقىل ژۇرنالىست ئىلھام توختىنى تۇتقۇن قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دەرھال ئىنكاسىنى قوزغىغان ئىدى. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئىنكاس بىلدۈرگەن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. مەزكۇر ئورگان بايانات ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى باياناتىدا ئىلھام توختىنىڭ 15‏-يانۋار تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، داۋاملىق نامەلۇم بىر يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر ئورگان ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىز ئىلھام توختىنىڭ ئوپئوچۇق قانۇنسىز ۋە خالىغانچە قولغا ئېلىنغانلىقى ياكى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز. بۇ ۋەقە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق قانداق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، خۇسۇسەن ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئەركىن ئىپادىلىگەن، دۇنيانى شىنجاڭنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار قىلىپ كەلگەن كىشىلەرنى قانداق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېگەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يەنە، خىتاي ئامانلىق خادىملىرىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرغاندا ئۇنىڭغا زوراۋانلىق كۈچ قوللانغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. «ئىلھام توختىنى قولغا ئېلىشتىن ئاۋۋال ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆيىنى 6 سائەت ئاختۇرۇپ، ئۇنىڭغا زوراۋانلىق كۈچ قوللانغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىلھام توختى ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن زوراۋانلىقنى بىر خىل جازالاش تەدبىرى قىلىپ قوللانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى دېلفىن خالگاند، ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ژۇرنالىست ئىلھام توختى ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرى كىشىنى ئىنتايىن ئەندىشىگە سالىدۇ. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئۇنىڭ 15‏-يانۋار ئۆيىدە قولغا ئېلىنغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىدىن پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قىلىدۇ. بىز ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى ناھايىتى ئېنىق خالىغانچە ۋە قانۇنسىزلىق، دەپ قارايمىز. بىز ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز. پاكىتلار شۇكى، 30 نەپەر ساقچى ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ كومپيۇتېر، كىتاب ۋە تېلېفونلىرىنى ئېلىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى سوراق قىلغان. ئۇنىڭ جازالاشنى مەقسەت قىلىپ، قولغا ئالغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئىلھام توختى بۇرۇن پات-پات قولغا ئېلىنىپ كەلگەن. بۇ قېتىم قولغا ئېلىنىشى يېڭىلىق ئەمەس، بۇ ئۇنىڭ داۋامى، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى ئىلھام توختىنى تۇتقۇن قىلغان 15-يانۋاردىن بۇيان، ئۇنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم، ئالدىنقى كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشكە چاقىرغان.

بەزى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلاردىكى ھەر قانداق ئۆكتىچى پىكىرلەرنى چەكلەشكە نىيەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. 3 كۈن ئاۋۋال «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقىنىڭ مىسالى، دەپ كۆرسەتكەن. خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئوبزورچى ماقالىسىدە بولسا، ھۇجۇم نىشانىنى ئىلھام توختىغا قاراتتى.

ماقالىدە، تېررورچىلارنىڭ ئارقىسىدىكى مېڭىنى جازالاش، يامان غەرەزلىك ۋائىزلارغا قارشى كۈرەش قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلۇقى ئۇنى ئالاھىدىلاشتۇرۇپ قويدى. ئۇ ۋە غەرب بۇنى پۇرسەت بىلىپ قوللاندى، دېگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىلھام توختىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان گۇماندار دەپ كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بىراق، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ سۆزىنى تەنقىد قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل چۈشەندۈرۈشكە قايىل بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن بەرگەن بۇ چۈشەندۈرۈشىگە قايىل بولمىدۇق. ئۇ ئىلھام توختىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئەيىبلەپ، جىنايەت گۇماندارى سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق، بىز ئۇنىڭ قايسى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيمىز. دېمەك بۇ، ئۇ ئادۋوكات تۇتالمىدى، دېگەنلىك. شۇڭا بىز ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى خالىغانچە ۋە قانۇنسىزلىق دەپ قارايمىز ۋە بۇنى بىر خىل جازالاش تەدبىرى ھېسابلايمىز.

دېلفىن خالگاند خانىم يەنە، «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ ئىلھام توختىنى تېررورچىلارنىڭ ئارقىسىدىكى مېڭە، يامان غەرەزلىك ۋائىز، دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ھېچقانداق خاتالىق سادىر قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. خالگاند خانىم: ئۇ تونۇلغان شەخس، ئەلۋەتتە يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئۆكتىچى. ھالبۇكى، ئۇ خىتاي ئاساسىي قانۇنى ۋە خەلقئارا ئۇنىۋېرسال ئەھدىنامىسىنى قوللايدۇ. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ كۆز قارشىنى ئىپادىلەشكە، ئوقۇتۇش ئەركىنلىكىگە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى ئەركىن خەۋەر قىلىشقا قادىر بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللاندى، خالاس. ئۇ ھېچقانداق خاتالىق سادىر قىلمىدى. ئۇنىڭغا قارىتىلغان تەنقىدكە ئېتىبار قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ. بۇ، ئىلھام توختىنىڭ ھەرقانداق بىر خاتالىق سادىر قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىمايدۇ، دېدى.