ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

0:00 / 0:00

23-يانۋار كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تۇتقۇن قىلغىنىغا 9 كۈن بولدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ نەگە قامالغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى.

بۈگۈن ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ھەمدە قەيسەر مىجىت ئەپەندى قاتارلىقلار رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئىلھام توختى ئەپەندى ھەققىدە خەلقئاراغا قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىشكە چاقىردى.

بۈگۈن ئەتىگەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈزەلنۇر خانىم دائىرىلەرنىڭ، ئېرى ئىلھام توختىنى تۇتقۇن قىلغىنىغا 9 كۈن بولغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۇنى نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بارلىق دوستلارنى ئىلھام ئەپەندىنىڭ دېرىكىنى قىلىشقا چاقىردى.

بۈگۈن يەنە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ۋە بوستۇن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان قەيسەر ئەپەندىلەرمۇ رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئىلھام توختى ئەپەندى ھەققىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشكە چاقىردى.

سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئېلشات ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختىنى تۇتقۇن قىلىشىنىڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدىكى زور بىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان فەيسبوك قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ئۇنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقىغا ئىمزا توپلاشتا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قەيسەر ئەپەندى بولسا، ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى تۆلەۋاتقان ئېغىر بەدەلنى ئەسكەرتىپ، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز خەلقى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان ئىلھام توختىدەك بىرى ئۈچۈن سۆزلەش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە سەمىمىي رەھمىتىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.